تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئىلى ئوبلاستى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا توردا خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز لى تاۋ خەۋىرى) «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى توختاپ قالمايدۇ، توردا خادىم تەكلىپ قىلىش توختىمايدۇ.» يېقىندا مۇخبىرنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن 2020-يىللىق ئىلى ئوبلاستىنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس مەيدان توردا تەكلىپ قىلىش يىغىنى بىر ئاي داۋاملىشىدىكەن، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تورى (www.bjrc365.com) ياكى «ئىلى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىغا قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئەۋەتسە بولىدىكەن.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە 133 ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بۇ قېتىمقى خادىم قوبۇل قىلىشقا قاتناشقان بولۇپ، شىنجاڭ خېشەن جۈلى خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جىڭكې ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى، قورغاس سەنيوۋ فۇشىن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىنچىكە سانائەت چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار كۆپ كەسىپ ھالىتىدىكى ئورۇنلار 440 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن.

  بۇ يىل، مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا قارىتا، ئىلى ئوبلاستى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلى ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يەنە ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئائىت خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلىدى.

 2020-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىلگىرى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەردىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستىكى بار مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» قاتارلىق ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت تۈرلىرىنىڭ مۇددىتى توشقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلار، شۇ يەردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىغا ئۆز ئىسمى بىلەن تىزىملىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، سىياسەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ؛ «ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى تورى»(www.bjrc365.com) ياكى «شىنجاڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى سۇپىسى» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسىدا ئۆز ئىسمى بىلەن تىزىملاتقاندىن كېيىن، كەسىپ بېجىرسە، ئۇچۇر سۈرۈشتۈرسە، خىزمەت ئىزدىسە، خىزمەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، مېيىپ ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان ھەربىر ئوقۇغۇچى ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن «بىرگە بىر» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ