تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بېيىش باشلامچىسى تاھىر قاۋۇل: كۆپچىلىك بېيىسا، ئاندىن ھەقىقىي بېيىغانلىق بولىدۇ

  خەلق تورى خەۋىرى: تاھىر قاۋۇل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى تار تاجىك مىللىي يېزىسى قۇزۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇ كەنت تەرىپىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، كېيىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆزى بېيىغانلىق ھەقىقىي بېيىغانلىق ھېساپلانمايدۇ، كۆپچىلىك بېيىسا ئاندىن ھەقىقىي بېيىغانلىق بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن 2014-يىلى، ئۇ 12 نامرات ئاممىنى باشلاپ، سىرتقا چىقىپ ئۈچ ئاي ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئوتتۇرىچە كىرىمنى 16 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى؛ 2015-يىلى 15 نامرات ئاممىنى باشلاپ، ئىككى ئاي ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئوتتۇرىچە كىرىمنى 15 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ، ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كەنت ئۈچۈن يولنى تۈزلەپ، كەنتنىڭ مەكتەپ قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە بېيىش يولى ئېچىپ بەردى. 2019-يىلى، تاھىر قاۋۇل مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  6-ئاينىڭ 17-كۈنى، تاھىر قاۋۇل قۇرۇلۇش ئورنىدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە. (سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن).

  يول ياساش، قوي قوتىنى سېلىش، ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ سېلىش… بۇ يىل، تاھىر قاۋۇل ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ، زادىلا بىكار بولالمىدى. تاھىر قاۋۇل ئىشچان قولى، سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ توپلىغان تەجرىبىسى، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلاردا مەشغۇلات قىلىش ماھارىتىگە تايىنىپ، بىر قۇرۇلۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلىدى.

  يالغۇز ئېچىلسا بىر گۈل باھار بولماس، يالغۇز بېيىسا بىر ئائىلە ھەقىقىي بېيىغان بولماس. جاپالىق ئىشلەپ بېيىغان تاھىر قاۋۇل يۇرتداشلىرىنى كۆڭلىگە ئىزچىل پۈكۈپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇزۇ كەنتى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى، قۇرۇلۇش تۈرلىرىمۇ كۆپ بولدى، كەنت قۇرۇلۇش تېخنىكىسى قوللىشىغا ئېھتىياجلىق بولسىلا، تاھىر قاۋۇل مەيلى قانچىلىك ئالدىراش بولسۇن ھەممىسىگە ياردەم بەردى. بىر يىلى، كەنتتە پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن دەريا يولىنى توسۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى، ئۇ خەتەرگە قارىماي يۈك قاچىلاش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، دەريا يوللىرىنى تازىلاش ۋە راۋانلاشتۇرۇشقا قاتناشتى. يۇرتىنى گۈللەندۈرۈشتە، ئۇ تەننەرخ بىلەن ھېساپلاشمىدى، جاۋاب قايتىشنى تەلەپ قىلمىدى. «پارتىيەنىڭ بۇنداق كۆپ ياخشى سىياسىتى بولمىسا، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بولمىسا، مەنمۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش باشلامچىسىغا ئايلىنالمايتتىم.» يۇرتنى قىزغىن سۆيىدىغان، يۇرتداشلىرىنى ئېسىدىن چىقارمايدىغان بۇ سەمىمىي قەلب ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى ھەم كەنتتىكىلەرنى ئۈن-تىنسىز تەسىرلەندۈردى.

  سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. كىچىكىدىن تارتىپ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار تاھىر قاۋۇلنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى شۇ جايدىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، مەكتەپ ۋە ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇنىڭدىن ئۇ ئىزچىل مىننەتدار ئىدى. ئۇ يۇرتىنىڭ ئىشلىرى، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندا ئەسلىنى ئۇنتۇمايدىغان، بېيىغاندا يىلتىزىنى ئۇنتۇمايدىغان ئۈلگىگە ئايلاندى. ئەمەلىيەتتە، تاھىر قاۋۇلغا ئوخشاش يۇرت قۇرۇلۇشىغا جاۋاب قايتۇرىدىغان بېيىش باشلامچىلىرى ئاز ئەمەس، ئۇلار ياكى يۇرتىدا نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇپ ياكى نامرات ئاھالىلەرگە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۆگىتىپ، تۈركۈم-تۈركۈم نامرات ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا ياردەم بەردى. ئالدىن بېيىغاندا يۇرت-ماكانىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان بۇ ئۈلگىلەر بولغاچقا، نامرات ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىنى چىڭىتتى، شۇنداقلا ئىشەنچىلىك يولنى تېپىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

  تاھىر قاۋۇل مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ئىتتىپاقلاشقاندا، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇپ، كىرىمنى سىجىل ئاشۇرۇش يولىدا تېخىمۇ يىراققا ماڭغىلى بولىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى بار، يۇرتداشلار بىر نىيەتتە بولۇپ، بىرلىكتە كۈچ چىقارسىلا، نامرات ئاممىنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش، ھەميانىنى تومپايتىش ئارزۇسى ئۇزاققا بارماي رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشمۇ چوقۇم ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى