تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىدە يىمىرىلىپ ئېشىش كۆرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، ياڭ شۇخەن، ۋاڭ جېن، ئەن شىيۈ، جانبولات ماناربېك

7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، خىزمەتچىلەر قومۇل شىچېڭزى نۇر ئېنېرگىيەسى كەسىپلەر باغچىسى رايونىدىكى قومۇل فۇگۇاڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك نۇر ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)

كۆك ئاسمان ئاستىدا، شامال كۈچى گېنېراتورى ۋە نۇر ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر تاختىسى ھەيۋەتلىك سەپ تۈزەپ تۇراتتى؛ كەڭ دالىدا ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى شەرققە قاراپ سوزۇلغانىدى؛ چوڭ كوچىدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ۋە ئاپتوموبىللار مودىغا باشلامچىلىق قىلماقتا ئىدى؛ سېختا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا ئىدى... كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق مول ئېنېرگىيە بايلىقىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى سىجىل تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا: 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، شىنجاڭ ئون يىلدىن بۇيان يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ جەمئىي 260 مىليارد 800 مىليون كىلوۋات سائەت توك چىقارغان، بۇ تەخمىنەن 224 مىليون 640 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر ئىكەن. ھەممە يەرنى قاپلىغان يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىپ، مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە رەڭدار سەھىپە پۈتتى.

كۆپ مەنبەلىك ئېچىشتا يېشىل تۈس قويۇق بولۇش

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.» بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز ئېنېرگىيەسىنىڭ پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

«قومۇل مەملىكەت بويىچە شامال بايلىقى ۋە يورۇقلۇق بايلىقى ئەڭ ياخشى رايونلارنىڭ بىرى، دۆلەتنىڭ 10 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر بازىسى، 1 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ئىسسىقلىق بازىسى ۋە نۇر ئېنېرگىيەسى بازىسى، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ شامال، يورۇقلۇق، ئوت ئېلېكتىرىنى تېڭىپ سىرتقا يەتكۈزۈش بازىسى» دېدى 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى قومۇل ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى ئۇچۇر ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىدا، چۈشەندۈرگۈچى جاڭ شىن قۇم مودېلىدىكى تاغنىڭ جەنۇبى - شىمالىغا يۇلتۇزلاردەك جايلاشقان يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

ئۆلكە يولى 303 - لىنىيەسىنىڭ 20 كىلومېتىرلىق بۆلىكىگە جايلاشقان قومۇل شىچېڭزى نۇر ئېنېرگىيەسى كەسىپلەر باغچە رايونىدا، تەكشى يەرگە قاتار - قاتار نۇر ئېنېرگىيەسى توك چىقىرىش ئەسلىھەلىرى يېيىتىلغانىدى، باغچە رايونىغا ماكانلاشقان 21 كارخانا بۇ يەردە پۈتۈن يىللىق كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 3000 سائەتتىن ئاشىدىغان يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ، جۇغلاش پونكىتىدا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن دۆلەت ئېلېكتىر تورىغا يوللايدۇ.

5 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قومۇل شەھىرىنىڭ ئومۇمىي ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلار سىغىمى 21 مىليون 334 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شامال ئېلېكتىرى، نۇر ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئىسسىقلىقى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمى %64.4نى ئىگىلىدى، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە بايلىقى بولغان كۆمۈر مېتانول، ئېتىل ئالكوگول، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە قىلىپ پىششقلاپ ئىشلەنمەكتە. ئۈرۈمچى، قەشقەر، تۇرپان، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا، ئېنېرگىيەنى كۆپ مەنبەلىك ئېچىش ئەندىزىسىدە يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىش سۈرئىتى سىجىل تېزلىتىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېشىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى.

كۆپ نۇقتىدىن تىرەك بولۇپ، كاپالەت يېتەرلىك بولدى

كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىش سىياسەت، بايلىق، تېخنىكا، مەبلەغ قاتارلىق كۆپ نۇقتىنىڭ تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

مول يورۇقلۇق بايلىقى ۋە پايدىلىق سىياسەتلەرگە تايىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا غەلىبە خەۋىرى كەينى - كەينىدىن تارقالدى: 5 - ئايدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتى تىيانشان تېغى تۆمۈر چوققىسى ئېتىكىدىكى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چاغراق يېزىلىق توك بىلەن تەمىنلەش ئورنىنى تاللاپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئۆگزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۇر ئېنېرگىيەسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى؛ 6 - ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۇنجى نۇر ئېنېرگىيەسى ساقلاش ئېلېكتىر پونكىتى − كەلپىن ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر پونكىتىنىڭ 1 - قارارلىق تۈرى ئوڭۇشلۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ ئېلېكتىر پونكىتى خۇددى غايەت زور «توكدان»غا ئوخشاش، ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان توكنى ئىشلىتىش ھەم يۈكنى تەڭشەش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى زامانىۋى ئېنېرگىيە كەسپى بازىسى تۈرى ئىمزالاندى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى 10 مىليون كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى ئىمزالاندى، كۈيتۈن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىئىشلەپچىقىرىش بازىسى تۈرى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولى تۇتاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى... ھەربىر يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ باغچىسى ۋە تۈرى كەسىپلەشكەن، كۆپ خىللاشقان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قالتىس نامايەندىسى. ئوخشاش بولمىغان كەسىپ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى، ئوخشاش بولمىغان پاي كونترول شەكلىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك كارخانىلار بەس - بەستە شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاتلاندى.

چۆل - جەزىرىدىن يېڭى كەسىپلەر باغچىسىغىچە، يىرىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىدىن يېشىل بولۇشنى ئاساسىي رىتىم قىلغان كەسىپ زەنجىرىگىچە، «يېڭى ئېنېرگىيە + نامراتلارنى يۆلەش» «يېڭى ئېنېرگىيە + كەسىپ» «يېڭى ئېنېرگىيە + ئېكولوگىيە» قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدىكى كۈچلۈك مېلودىيەگە ئايلانماقتا.

كۆپ خىل كەسىپنى تەڭ راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق

يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىپ پايدىلىنىشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى تەرەققىي قىلىپ زورىيىش بىلەن بىللە، بىر تۈركۈم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ياكى ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى قوللىنىشنى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا سىڭدۈردى.

بۇلتۇردىن باشلاپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ساپ توكلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار شەھەر رايونىدىكى بىر مەنزىرىگە ئايلاندى. ئاقسۇ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى غۇلامجان رېھىم مۇنداق دېدى: پۈتۈن شەھەردە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ساپ توكلۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن 300ى بار، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇس تىجارىتىنى تەمىنلەيدىغان توك قاچىلاش پونكىتى ۋە توك قاچىلاش تۈۋرۈكى قۇرۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى بىخەتەر، ئازادە، مۇھىت ئاسرايدىغان، كۆڭۈلدىكىدەك ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

«مەنزىرە رايونلىرىدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكلۇق ئېكسكۇرسىيە ئاپتوموبىلى بار، ناھىيە بازىرىدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكلۇق تاكسى بار، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ گاز قويۇپ بېرىش مىقدارى نۆل، مەشغۇلاتى ئاددىي بولۇپلا قالماي، يەنە ماي پۇلىنى تېجەيدۇ» دېدى بۇرچىن ناھىيەسىدىكى تاكسى شوپۇرى جالغاسبېك جولدىبېك.

ئاپتونوم رايون ئېنېرگىيە چوڭ رايونىدىن ئېنېرگىيە كۈچلۈك رايونىغا ئۆزگىرىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ ئىشەنچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. بۇ يىل، شىنجاڭ ياڭگۇاڭ يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ مىڭفاڭ تېخنىكا كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، كەسىپ دائىرىسىنى ئېگىزلىكتىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىن شەھەر - بازار، يېزا - كەنتلەرگىچە كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت شەكلىنى يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە تېخنىكا توپلاشتىن ئاممىۋى ئاپپاراتلار ۋە كەڭ ئاھالىلەرنى توك تېجەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئۆزگەرتىپ، ئابۇنىچىلارنى ئۆلچەملەشكەن، ئاسان مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان، ئاز ئاسرىلىدىغان نۇر ئېنېرگىيەسى توك چىقىرىش قۇرۇلمىسى ئۈسكۈنىلىرى ھەم توك چىقىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، بەزى ئورۇن ۋە قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئاچقۇچلۇق توك مەنبەسى ۋە يورۇتۇش قۇرۇلمىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.

سىياسەتنىڭ كۈچ بېرىشى، بازارنىڭ كۈچىشى، كارخانىلارنىڭ تىرىشىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى چوڭ قەدەم تاشلاپ، تېز ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ