تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چوڭ شاپتۇلنى غەربكە كۆچۈرۈش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى

7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى پىڭگۇ رايونلۇق ئورمان - ئوتلاق ئىدارىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر جاڭ چېڭيىن(ئوڭدا) ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىمغا پىڭگۇ چوڭ شاپتۇلىنى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.

«پىڭگۇ چوڭ شاپتۇلى» لوپ بازىسى ئىلگىرى قاقاسلىق ئىدى (سۈرەتنى پىڭلو سېننۇڭ شىركىتى تەمىنلىگەن).

7- ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئابدۇخېلىل «پىڭگۇ چوڭ شاپتۇلى» لوپ بازىسىدا يېڭىدىن سېتىۋالغان تىراكتورنى سىنىماقتا.

2018 - يىلىنىڭ ئاخىرى، لوپ ناھىيەسى بېيجىڭ شەھىرى پىڭگۇ رايونى پىڭلو سېننۇڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، لوپ بازىرى دول تۈگمەنبېشى كەنتىدە «پىڭگۇ چوڭ شاپتۇلى» لوپ بازىسىنى قۇرۇپ، چوڭ شاپتۇلنى غەربكە كۆچۈرۈش سىنىقىنى باشلىدى.

بىر يىللىق يەرنى تۈزلەش ۋە تۇپراقنى ياخشىلاش خىزمىتى ئارقىلىق، 2019 - يىلى ئەتىيازدا دول تۈگمەنبېشى كەنتىدە 30 مىڭ تۈپ شاپتۇل كۆچىتى تىكىلىپ، ئەي بولۇش نىسبىتى %78كە يېتىپ، شورلۇق يەردە كۆلىمى 300 مودىن ئاشىدىغان شاپتۇللۇق باغ بارلىققا كەلدى. بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، شاپتۇللۇق باغدىكى زاۋخۇاڭمى، ئاۋيوۋ قاتارلىق سورتلۇق شاپتۇللار ئارقا - ئارقىدىن پىشتى.

«ئەمدىلا تىككەن شاپتۇل كۆچەتلىرى چوكىدەك ئىنچىكە بولسىمۇ، بىر يىلدىلا چېچەكلەپ مېۋە بەردى.» باغچە رايونىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىسى ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن بىر تەرەپتىن، باغچە رايونىدا ئىشلەپ پۇل تېپىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزۈم پىڭگۇ چوڭ شاپتۇلى تىكىپ، ئائىلەمنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىماقچى بولۇۋاتىمەن».

بۇ يىل «پىڭگۇ چوڭ شاپتۇلى» لوپ بازىسىنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ 1100 مودىن ئېشىپ، باغچە رايونى 300 دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى