8-ئاينىڭ 9-كۈنى، بىر كىچىك دوست دالياڭگوۋ كەنتىدىكى يېزا-كەنت مۇزېيىدا ئەنئەنىۋى يېزا ئوقۇتۇشىنى ھېس قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، ئىچكى موڭغۇل چىفېڭ شەھىرى بالىن زوچى دالياڭگوۋ كەنتىدىكى يېزا-كەنت مۇزېيىدا «تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەرنى ھېس قىلىش» باش تېمىسىدىكى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى، بالىلار تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى دەرسخانىسى، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك دەرسخانىسى، ئىلگىرىكى ئوقۇتۇش مۇھىتىنى ھېس قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، يازلىق تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋاڭ جېڭ فوتوسى)
8-ئاينىڭ 9-كۈنى، خەلق سەنئەتكارى پاڭ سەيخۇا (ئوڭدىن 1-كىشى) دالياڭگوۋ كەنتىدىكى يېزا-كەنت مۇزېيىدا بالىلارغا كەشتە تىكىش ھۈنىرىنى نامايان قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 9-كۈنى، بالىلار دالياڭگوۋ كەنتىدىكى يېزا-كەنت مۇزېيىدا يېزىلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى كۆرمەكتە.
8-ئاينىڭ 9-كۈنى، خەلق سەنئەتكارى شۇ گۇاڭ دالياڭگوۋ كەنتىدىكى يېزا-كەنت مۇزېيىدا بالىلارغا قەغەز قاپاق ياساش ھۈنىرىنى نامايان قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 9-كۈنى، چۈشەندۈرگۈچى لى كۈي دالياڭگوۋ كەنتىدىكى يېزا-كەنت مۇزېيىدا بالىلارغا ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.