8-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى دۇڭچېڭ بازىرى سىداۋگۇ كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىدا لازا، شوخلا، خاڭگا قاتارلىق كۆكتاتلار كىشىنى خۇشال قىلغۇدەك ئۆسۈپ كەتكەنىدى، كۆكتاتچىلار ئۈزۈش، ئوراش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسى پەيدا بولدى.
8-ئاي كىرىشى بىلەن، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىدىكى پارنىكتا كۆكتاتلار ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ بازارغا سېلىنىپ، سېتىش جانلىنىش مەزگىلىگە كىردى، پارنىكتىكى كۆكتاتلار كۆكتاتچىلارغا ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، كىشىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىنىمۇ موللاشتۇردى.
(ئاپتور: گۇلاينا، زو روڭنيەن، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن)
«学习强国» دىن تەرجىمە قىلىندى