شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن شاۋشيۇڭ خەۋىرى): ھازىر دەل شىنجاڭدىكى مېۋە-چېۋىلەرنىڭ مەي باغلاپ پىشىدىغان پەسلى، كۆپلىگەن پەسىللىك مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلار شۇ جايدىكى پورت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ يېڭى پېتى ساقلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سېتىلدى.
مۇخبىرنىڭ قورغاس تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە قورغاس پورتىدىن 38 مىڭ 900 توننا مېۋە-كۆكتات ئېكسپورت قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 6-ئايدىكى يەككە ئايلىق يەرلىك مېۋە-كۆكتات ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %90ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە، بېلارۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغان.
شىنجاڭنىڭ يەرلىك مېۋە-كۆكتاتلىرى ئىچىدە ئېكسپورت قىلىنىدىغان تۈرلەرمۇ بارغانسېرى موللاشقان، ئەڭ دەسلەپكى ئالما، ئۈزۈم، لازا، شوخلا قاتارلىق ئەنئەنىۋى سورتلاردىن توغاچ شاپتۇل، شىمېي، باش پىياز قاتارلىق ئون نەچچە خىلغا كېڭىيىپ، ئېكسپورت ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلانغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، مېۋە-كۆكتاتلارنى ئېكسپورت قىلىش ھالقىسىدا، شۇ جايدىكى تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش قاتارلىق فۇنكسىيەلىك تارماقلار ھەمكارلىشىپ ماسلىشىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل كارىدورى» بەرپا قىلىپ، مېۋە-كۆكتات ئاپتوموبىللىرىنىڭ چېگرادىن ئالدىن ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، توشۇش ۋاقتىنى قىسقارتتى.