تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پارتىيەلىك پىدائىي چېن جىخۇي: 54 ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ ئارقا سەپ كاپالىتىنى ياخشى ئىشلىدى

8-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، چېن جىخۇي ئاھالىلەرگە كۈندىلىك بۇيۇملارنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ شىنجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ساۋ لىيىن خەۋىرى، فوتوسى): 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، باش كۈز. ئاي يورۇقىدىن پايدىلىنىپ، پارتىيەلىك پىدائىي چېن جىخۇي يەنە ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ئۈچۈن ئالدىراش بولدى. «بۇ 301-ئۆينىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تۇخۇم قالماپتۇ، بۇ قېتىم ئۇلارغا ئالايىتەن ئىككى تاختا يېڭى تۇخۇم تەقسىملەپ يەتكۈزدۈم. بۇ لى ھەدە زاكاز قىلغان سۈت....» دېدى چېن جىخۇي.

8-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، چېن جىخۇي ئاھالىلەر سېتىۋالغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا نومۇر سېلىپ، تارقىتىشقا قولايلىق ياراتتى.

  چېن جىخۇي ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ كادىرى، يۇقۇم مەزگىلىدە مەھەللە خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىنى كۆرۈپ پىدائىيلىققا تىزىملاتقانىدى. «مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە بىرىنچى سەپكە ئۆتۈش مېنىڭ بۇرچۇم.» دېدى ئۇ.

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، چېن جىخۇي دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش مەشغۇلاتىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كەتتى.

  ھەر كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى نىڭفېڭ مەھەللىسى سۇ چىقىرىش باشقارمىسى ئائىلىلىكلەر قوروسىدا، چېن جىخۇينىڭ قىزىل جىلىتكا كىيگەن ھالىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇ ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەيدۇ، ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىدۇ، كىمنىڭ ئائىلىسىنىڭ قانداق كۆكتات، مېۋە-چېۋىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىگىلەيدۇ... ئولتۇراق رايوندىكى گۇ فېڭيىڭ ھەدە ماختاپ مۇنداق دېدى: «شياۋ چېن بىزنىڭ يېقىن ئادىمىمىز، ئۇ ئىشلارنى بىزدىنمۇ ئەتراپلىق ئويلايدۇ!»

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، چېن جىخۇي دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

  بۇ ئائىلىلىكلەر قوروسىدا ئۈچ دەنيۈەندە جەمئىي 54 ئائىلىلىك ئاھالە بار، چېن جىخۇي دائىم ئۈچ دەنيۈەنگە قاتراپ بولغاندا كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كېتىدۇ. بىراق ئۇ دائىم مۇنداق دەيدۇ: «كۆپچىلىكنىڭ ئارقا سەپ كاپالىتىنى ياخشى قىلالىسام، كۆپچىلىك ياخشى يەپ، ياخشى ئۇخلىسىلا، مەنمۇ كەچتە خاتىرجەم ئۇخلايمەن.»

8-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە، چېن جىخۇي ئاھالىلەرگە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ