چاڭچۈن قىشلىق تەنھەرىكەت مەركىزى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش ئىشتىن سىرتقى نۇقتىلىق سىنىپىنىڭ ئەزاسى گاۋ چېنشى (سولدا) مۇز تېيىلىش سارىيىدا قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مەشىقى قىلماقتا (8-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: پىژغىرىم ياز كۈنلىرىدە، ئون نەچچە «مۇز بالا» چاڭچۈن شەھەرلىك قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىدە (قىسقارتىلىپ چاڭچۈن قىشلىق تەنھەرىكەت مەركىزى دېيىلىدۇ) مۇز تېيىلىش سارىيىنىڭ مۇز يۈزىدە «ئۇچقاندەك» تېيىلىپ كېتىپ باراتتى. ئۇلار چاڭچۈن قىشلىق تەنھەرىكەت مەركىزى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش ئىشتىن سىرتقى نۇقتىلىق سىنىپىنىڭ ئەزالىرى، ئەڭ چوڭى 12 ياش، ئەڭ كىچىكى ئاران بەش ياش. ئۇلار سوغۇق قىش، تومۇز يازدىمۇ چىڭ تۇرۇپ مەشىق قىلىدۇ. بۇ يىل 7-ئاينىڭ بېشىدا، بۇ بىر توپ «مۇز ئۈستىدىكى بالا»لار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن خوشلىشىپ، يۈك-تاقلىرىنى يۈدۈپ، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن قاتارلىق جايلاردىن چاڭچۈنگە كېلىپ مەركەزلىك مەشىق قىلدى.
بۇ بىر توپ «مۇز ئۈستىدىكى بالا»لار ھەر كۈنى يازلىق تەتىلنى مۇشۇنداق ئۆتكۈزدى. يېشى ئەڭ كىچىك بولغان گاۋ چېنشى مۇنداق دېدى: «مەن قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىشقا بەك ئامراق، ھەر كۈنى بۇ يەردە مەشىق قىلىپ ناھايىتى خۇشال بولىمەن، يىقىلىپ چۈشسەممۇ يىغلىمايمەن. بۇنىڭدىن كېيىن كەسپىي كوماندىدىكى ئاكا-ھەدىلىرىمدەك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، چېمپىيون بولغۇم بار! ».
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (يەن لىنيۈن فوتوسى)
چاڭچۈن قىشلىق تەنھەرىكەت مەركىزى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش ئىشتىن سىرتقى نۇقتىلىق سىنىپىنىڭ ئەزالىرى مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە (8-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
چاڭچۈن قىشلىق تەنھەرىكەت مەركىزى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش ئىشتىن سىرتقى نۇقتىلىق سىنىپىنىڭ ئەزالىرى مۇز تېيىلىش سارىيىدا قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مەشىقى قىلماقتا (8-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
چاڭچۈن قىشلىق تەنھەرىكەت مەركىزى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش ئىشتىن سىرتقى نۇقتىلىق سىنىپىنىڭ ئەزاسى لى شىن(سولدا) بىلەن لەن شىنتۇڭ مۇز تېيىلىش سارىيىدا قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مەشىقى قىلماقتا (8-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
چاڭچۈن قىشلىق تەنھەرىكەت مەركىزىنىڭ سىرتتا مەشىق قىلىش مەيدانىدا، قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش ئىشتىن سىرتقى نۇقتىلىق سىنىپىنىڭ ئەزالىرى ھەرىكەتلەرنى تەقلىد قىلىش مەشىقى قىلماقتا (8-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
چاڭچۈن قىشلىق تەنھەرىكەت مەركىزى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش ئىشتىن سىرتقى نۇقتىلىق سىنىپىنىڭ ئەزاسى گاۋ چېنشى مۇز تېيىلىش سارىيىدا قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مەشىقى قىلماقتا (8-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
چاڭچۈن قىشلىق تەنھەرىكەت مەركىزى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش ئىشتىن سىرتقى نۇقتىلىق سىنىپىنىڭ ئەزاسى لى شىن مۇز تېيىلىش سارىيىدا قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش مەشىقى قىلماقتا(8-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
چاڭچۈن قىشلىق تەنھەرىكەت مەركىزى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش ئىشتىن سىرتقى نۇقتىلىق سىنىپىنىڭ ئەزاسى جۇ تىڭيۈ ئاشخانىدا تاماق يېمەكتە (8-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).