تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش ھەم پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش ھەم پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش ھەم پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش ھەم پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شۇنداقلا ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۇقۇم مەزگىلىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش ھەم پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە بىڭتۇەن 6 - شىسى ۋۇجياچۈ شەھىرى، بىڭتۇەن 12 - شىسى ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ تىجارەت ۋە توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ شىركەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىدە، شۆھرەت زاكىر يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش كاپالىتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم كەڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋە ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تارماقلىرى ئاڭلىق ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش چوڭ ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ، ئېلېكتىر تورىنى كۆزىتىپ - ئۆلچەش ۋە ئاسراش سالمىقىنى زورايتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئابۇنىچىلارنى توك بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئاھالىلەرنىڭ نورمال توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن «خەلق ئېلېكتىر كەسپى خەلق ئۈچۈن» دېگەن ئىدىيە ۋە ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك.

ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى شىدۇنزىشەن سۇ زاۋۇتى پۈتۈن شەھەرنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى بىخەتەر سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. شۆھرەت زاكىر نەق مەيداندا سۇ بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: سۇ بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. سۇ ئىشلىرى تارماقلىرى بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەلەپ بىلەن «سۇ سۈپىتى ئۆتكىلى»نى ياخشى ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مۇتلەق بىخەتەر، ساغلام، ئەلا سۈپەتلىك ئىچىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. بولۇپمۇ يۇقۇم يۈزبەرگەن ھازىرقى ئەھۋالدا، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ مەنبەسىنى قوغداش، سۈزۈلدۈرۈش - دېزىنفېكسىيەلەش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، تۇرۇبا تورى ئارقىلىق يەتكۈزۈپ سۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل ھالدا ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ھەقىقىي تۈردە مۇتلەق بىخەتەر بولۇش تەلىپىنى خىزمەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى ھەرقايسى ھالقىلاردا كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغدىشى كېرەك.

ئۈرۈمچى خېدۇڭ ۋېيلىيا سۇ ئىشلىرى چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى ۋە يېڭىشەھەر رايونىدىكى بىر قىسىم پاسكىنا سۇلارنى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. شۆھرەت زاكىر بۇ شىركەتتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: سۇ ئىشلىرى تارماقلىرى دۆلەتنىڭ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى ۋە ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش قېتىم سانىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، ۋىرۇسنى دېزىنفېكسىيەلەپ يوقىتىشنى ئىلمىي ياخشى قىلىشى كېرەك. پاسكىنا سۇنى بىرتەرەپ قىلىش تېخنولوگىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ قويۇپ بېرىش، بىخەتەر قويۇپ بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ