تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

گۈزەل تاغ - دەريالار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى «ئالتۇن تاۋاق»قا ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ياۋ گاڭ

ياپيېشىل تاغ، سۈپسۈزۈك سۇ، بۈك - باراقسان ئورمان بىلەن قاپلانغان مەنزىرە رايونلىرى، ھويلىلىرى ئازادە، تائاملارنىڭ مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان دېھقانلار ئارامگاھلىرى، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان، مول ھوسۇلدىن بېشارەت بېرىپ تۇرىدىغان مېۋە ئۈزۈش باغلىرى... بۈگۈنكى كۈندە، بۇ خاسلىققا ئىگە ساياھەت كەسىپ ھالەتلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى قاپلاپ، يېزا - كەنتلەر، دالىلارنى ئېسىل ساياھەت، ئىستىراھەت ئورنىغا ئايلاندۇردى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى بايلىققا ئايلاندۇردى.

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ساقلاپ قېلىندى، گۈزەل مەنزىرە كۈتۈۋېلىندى

سۇ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى، ئوت - چۆپلەر بولۇق، ئورمان قويۇق ئىدى. ھازىر تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل مەزگىلى بولۇپ، قويۇق ئورمان ئارىسىدىكى كىگىز ئۆينىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان خابەك ئابىلقان خۇددى كىچىك ۋاقىتلىرىغا قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلدى.

«ئاشۇ چاغلاردا ئۆيىمىز بوغدا كۆلىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيياڭگۇدا ئىدى، موزايلار ئوت - چۆپلەر ئارىسىغا كىرىپ كەتسە كۆرگىلى بولمايتتى.» 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا تۇغۇلغان قابېكنىڭ ئەسلىشىچە، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئائىلىسى تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدىن كۆچۈپ چۈشكەن ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ فۇكاڭ شەھىرى سەنگۇڭخې يېزىسى ياۋچى ساياھەت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى بولۇپ، 102 ئائىلىدىكى 484 ئادەمنى باشلاپ مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ.

قوغداش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، تىيانشان بوغدا كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، مەنزىرە رايونى بارغانسېرى گۈزەللىشىپ، ساياھەتچىلەر يىلدىن - يىلغا كۆپىيىپ، دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىقلارنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى. 2006 - يىلى، قابېك دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقاندا، يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، يىلدا يۈز نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىش ناھايىتى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. ئەينى يىلى، كوپىراتىپتىكى يەتتە ئۈلۈش ئەزا نامرات ئائىلە ئىدى، ھازىر ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بولدى.

«مەنزىرە رايونى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە مۇھىم يۈك كۆتۈرۈش رولىنى ئويناپلا قالماي، يەنە ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى مۇھىم تىرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى. يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنى ساقلاپ قېلىش مەنزىرە رايونى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بايلىقنى ساقلاپ قالغانلىق؛ ئەتراپتىكى دېھقان - چارۋىچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارغا «ئالتۇن تاۋاق» تېپىپ بەرگەنلىك.

پوسكام ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونىدا، كۆپلىگەن نامرات ئائىلە ساياھەتچىلىكتىن مەنپەئەتلىنىپ، مەنزىرە رايونىدا ساياھەت تاۋارلىرىنى پىششىقلاش، سېتىش، دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىش قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، ناھايىتى تېزلا نامراتلىق بىلەن خوشلاشتى.

بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ چۇڭقۇر بازىرى قىزىلقايىڭ كەنتى قاناس مەنزىرە رايونىغا بېرىشتا جەزمەن ئۆتىدىغان يولغا جايلاشقان، پۈتۈن كەنتتىكى 133 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۆزگىچە پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىپ، ساياھەتچىلىككە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى.

يېزا - كەنت ساياھىتى قىزىپ كەتتى، تۇرمۇش ئۈمىدكە تولدى

قاغىلىق ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭ - شىزاڭ لىنىيەسىنى بويلاپ جەنۇبقا قاراپ ماڭسا، 105 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا تۇنجى داۋان ئۇچرايدۇ. كۆكيار يېزىسىنىڭ نۇرئابات كەنتى مۇشۇ داۋان باغرىغا جايلاشقان، شىنجاڭ - شىزاڭ لىنىيەسى «مەنپەئەت» ئۆتىڭىمۇ مۇشۇ جايدا. «ئۆتەڭ شىنجاڭ - شىزاڭ لىنىيەسىدىكى ساياھەتچىلەرنى ھەر تەرەپلىمە ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، لىنىيە ئەتراپىدا مۇلازىمەت كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى» دېدى قاغىلىق ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇڭخې.

شىنجاڭ - شىزاڭ لىنىيەسى «مەنپەئەت» ئۆتىڭىنىڭ مەسئۇلى شيا خېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «مەنپەئەت» ئۆتىڭىنىڭ تەسىس قىلىنىشى نۇرئابات كەنتىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. كەنتتە يەنە پۇقراۋى قونالغۇ، باقمىچىلىق، پارنىك كۆكتاتچىلىقى قاتارلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قۇرۇلدى، كەنت ئاھالىلىرى ساياھەتچىلىككە تايىنىپ ساياھەتتىن مەنپەئەتكە ئېرىشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، يېزا - كەنت ساياھىتى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى. دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇ، ئىستىراھەت مېۋە ئۈزۈش بېغى، ساياھەت يېزا ئىگىلىكى، ھەتتا يېزا - كەنت ئىستىراھەت باش تېمىسىدىكى شادلىق باغچىسى، يېزا - كەنت ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق كەسىپ ھالىتى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى؛ كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، يەرنى ئوبوروت قىلىپ ئىجارە ھەققى پايدىسى ئېلىش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ كۆلىمى، سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سالدى.

ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، «ئالتۇن تاۋاق» چىڭ تۇتقۇزۇلدى

66 ياشلىق جۇمان قايسىن ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۇيشىگۇ بازىرى مىيارگۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئۇ ئىلگىرىكى چاغلاردىكى ساياھەت ئەھۋالىنى ئېنىق ئەسلىيەلەيتتى. «ئۈرۈمچى نەنسەندە ساياھەت قىلىش يېڭى باشلانغاندا، خېرىدار تالىشىش، خېرىدارنى مەجبۇرىي تارتىش ئەھۋالى بار ئىدى. ھازىر، ساياھەت تىجارىتى قېلىپلاشتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پۇل تاپتى، كىرىمىمۇ قاتلاندى».

2017 - يىلىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ساياھەتنى قېلىپلاشتۇرۇشنى باشلىدى، ئۈرۈمچى نەنشەننەن مەدەنىيەت ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى مىيارگۇ مەنزىرە رايونىنى ئومۇميۈزلۈك بىرىكتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، بىرتۇتاش لايىھەلەيدىغان، بىرتۇتاش باشقۇرىدىغان، بىرتۇتاش تىجارەت قىلىدىغان مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىپ، ئىلگىرىكى قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىدىغان ئەھۋالنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئاشتى، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى.

مىيارگۇ كەنتىدىكى ئۆزگىرىش شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرىنى زور كۈچ بىلەن قېلىپلاشتۇرۇش، ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى نەتىجىلىرىنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى داۋاملىق سىجىل قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردى. 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايوندىكى 13 تارماق «يېزا - كەنت ساياھىتى تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يولغا قويۇش لايىھەسى (2019 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)»نى تۈزۈپ ھەم بېسىپ تارقىتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زورايتقاندىن باشقا، پۇقراۋى قونالغۇ، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى قاتارلىقلارنىڭ تېخنىكا قېلىپ - ئۆلچىمىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزا - كەنت ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇلازىمەت يانداش ئۆلچىمىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت ساياھەت كەسپىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى