تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شياڭگۇ ئۆستۈرۈش كەسىپكە ئايلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى

قاراقاش ناھىيەسى باشلامچى كارخانىنى كىرگۈزۈپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنى ئۆستۈرۈشنى تۈجۈپىلەپ تەرەققىي قىلدۇردى −

شياڭگۇ ئۆستۈرۈش كەسىپكە ئايلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، جىن بو

«بۇنىڭغا ئوخشاش ئېچىلغان كۈنلۈكتەك ئۆسكەنلىرىنى بۈگۈن ئۈزۈپ كارخانىغا سېتىپ بەرسەك بولىدۇ، تېخى ئۆسۈپ چىقمىغانلارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇش كېرەك» دېدى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى كامپا كەنتىدىكى نۇرمەمەت ئەخەتۋاقى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۆزىنىڭ شياڭگۇ پارنىكىدا ئىش قىلغاچ.

كامپا كەنتىدە ئەڭ بالدۇر شياڭگۇ ئۆستۈرگىنى دەل نۇرمەمەت ئىدى. ئىككى كۈندىن بۇيان، كەنتتە يېڭىدىن 16 شياڭگۇ پارنىكى سېلىنىشى بىلەن ئۇ يەنە بىرنى زاكاز قىلدى. «ھازىر شياڭگۇ ناھايىتى ياخشى ئۆسۈۋاتىدۇ، مېنىڭ ئىككى پارنىكىم بار، ياخشى پەرۋىش قىلساملا، بىر يىلدا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 24 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن» دېدى نۇرمەمەت.

شىنجاڭ شۇشاڭ لاۋجۈن زەمبۇرۇغچىلىق چەكلىك شىركىتى نۇرمەمەتنى شياڭگۇ زەمبۇرۇغ خالتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم شياڭگۇلىرىنى سېتىۋالىدۇ.

2019 - يىلىنىڭ بېشىدا، قاراقاش ناھىيەسى شياڭگۇ ئۆستۈرۈش، پىشىشقلاشتىكى باشلامچى كارخانا − شىنجاڭ شۇشاڭ لاۋجۈن زەمبۇرۇغچىلىق چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزدى. بۇ كارخانا «ھۆكۈمەت ئازراق تولۇقلىما بېرىش، كارخانا ئازراق پايدىنى ئۆتۈنۈش، دېھقان ئائىلىلىرى ئازراق قەرز ئېلىش، خىزمەت ئەترىتى ئازراق ياردەم بېرىش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى شياڭگۇ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى.

شىنجاڭ شۇشاڭ لاۋجۈن زەمبۇرۇغچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يىن جىنياۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: «كارخانا بىر زەمبۇرۇغ خالتىسىنى دېھقان ئائىلىلىرىگە تۆت يۈەندىن سېتىپ بېرىپ، شياڭگۇنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 7.5 يۈەندىن سېتىۋالىدۇ، نورمال ئەھۋالدا، دېھقان ئائىلىسى بىر زەمبۇرۇغ خالتىسىدىن كەم دېگەندە ئىككى يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. بىر كىچىك پارنىكقا زەمبۇرۇغ خالتىسىدىن 2000نى قويغىلى بولىدۇ، بىر پەسىلدە 4000 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. ئادەتتە ئۈچ نۆۋەت ئۆستۈرىدىغان بولغاچقا، بىر يىلدا 12 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ».

مۇشۇنداق بولسىمۇ، دەسلەپتە نۇرمەمەت كۆپ ساندىكى كەنت ئاھالىلىرىگە ئوخشاش شياڭگۇنى كۆرۈپ باقمىغان، ئۆستۈرۈشنىمۇ بىلمەيدىغان بولغاچقا، ئەندىشە قىلغانىدى. شۇڭا، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، كامپا كەنتى «ئىككى كومىتېت»ى ئالايىتەن كارخانا بىلەن بىرلىكتە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنى خېنەنگە بېرىپ شياڭگۇ ئۆستۈرۈشنى كۆزدىن كەچۈرۈش، ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى، نۇرمەمەت ۋەكىللەرنىڭ بىرى ئىدى.

«خېنەندە 70 ياشلار چامىسىدىكى بىر موماينىڭ ئۆزى يالغۇز ئالتە پارنىكنى باشقۇرۇپ، شياڭگۇ ئۆستۈرۈپ تاپقان پۇلىغا چىرايلىق ئىككى قەۋەتلىك داچا سېلىۋالغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ قىلالىغان يەردە، مەنمۇ قىلالايمەن دەپ ئويلىدىم» دېدى نۇرمەمەت.

قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، نۇرمەمەت 3000 يۈەنگە پارنىك سالدى، زەمبۇرۇغ خالتىسى سېتىۋالدى، كارخانا ئۇنىڭغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى. ھازىر، نۇرمەمەتنىڭ پارنىكىدا غۇژمەك - غۇژمەك شياڭگۇلار «پورەكلەپ ئېچىلىپ» كەتتى، ئۇ شياڭگۇ ئۆستۈرۈشنىڭ پايدىسىنى كۆردى.

«شياڭگۇ ئۆستۈرمىگەن بولسام، نامراتلىقتىن قانداقمۇ قۇتۇلار بولغىيتتىم.» تېخنىكىمۇ ئۆگىنىۋالدى، پۇلمۇ تاپتى، بۈگۈنكى كۈندە نۇرمەمەتنىڭ غەيرىتى كۈنسېرى ئۇرغۇپ، شياڭگۇ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بىرلىكتە شياڭگۇ ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاشنىلا ئويلايدىغان بولدى.

يىن جىنياۋنىڭ مۇخبىرلارغا دېيىشىچە، شىنجاڭ شۇشاڭ لاۋجۈن زەمبۇرۇغچىلىق چەكلىك شىركىتى ھەر يىلى 10 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ ئاجرىتىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلاردىن كېرەكسىز ياڭاق ياغىچىنىڭ ھەر توننىسىنى 300 يۈەن باھادا سېتىۋېلىپ، ئۇۋۇتقاندىن كېيىن زەمبۇرۇغ خالتىسى ياسايدىكەن. نۆۋەتتە، قاراقاش ناھىيەسىدە ئۈچ شياڭگۇ ئۆستۈرۈش بازىسى، 135 ئۆلچەملىك پارنىك بولۇپ، توققۇز يېزا - بازاردىكى 2500 نامرات ئائىلىنىڭ شياڭگۇ ئۆستۈرۈشنى راۋاجلاندۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش، ئۆستۈرۈش كەسىپ زەنجىرى ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردىكى 515 ئادەمنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات نوپۇس 215 ئادەم ئىكەن.

ئاماننىسا ئابدۇقادىر سايباغ يېزىسى گۇاڭمىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، شىنجاڭ شۇشاڭ لاۋجۈن زەمبۇرۇغچىلىق چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەۋاتقىنىغا سەككىز ئاي بولدى، ھازىر زەمبۇرۇغ سېلىش سېخىدا مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، زەمبۇرۇغ خالتىسى ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل.

«دەسلەپتە، مەن زەمبۇرۇغ سېلىشقا مەسئۇل ئىدىم، كارخانىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلىشىگە قاتناشقاندىن كېيىن، تەكشۈرگۈچى بولدۇم، ئايلىق مائاشىممۇ 1200 يۈەندىن 3000 يۈەنگە ئۆستى.» ئاماننىسا مۇنداق دېدى: «بۇ زەمبۇرۇغ خالتىلىرى كەنت ئاھالىلىرىگە بېرىلىدۇ، سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلسە بولمايدۇ، مەن ياخشى ئىشلەپ، كۆڭۈل قويۇپ ھەربىر زەمبۇرۇغ خالتىسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىمەن».

بۇ يىل 7 - ئايدا، شىنجاڭ شۇشاڭ لاۋجۈن زەمبۇرۇغچىلىق چەكلىك شىركىتى شياڭگۇنى ئىنچىكە پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇشنى باشلىدى، زاۋۇت پۈتكەندىن كېيىن شياڭگۇ چۈرۈك ياپراقچىسى، شياڭگۇ قىيامى قاتارلىق تۆت خىل يانداش مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ، كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرگىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭىدىن 300دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز كۆپ مەنبەلەشكەن مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، شياڭگۇنىڭ سۈپىتى، ئىنچىكە پىشىشقلاش ھەم ئوراپ قاچىلاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ داڭقىنى ئاشۇرۇپ، شياڭگۇ كەسپىنى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرىمىز» دېدى يىن جىنياۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى