تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى توپ تارقىتىش بازارلىرىغا بولغان باھانى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتتى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شۈەن خەۋىرى): نەچچە كۈندىن بۇيان، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەرقايسى توپ تارقىتىش بازارلىرىغا بولغان باھانى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى.

  8-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارە ھەر كۈنى بىر توپ تارقىتىش بازىرى، ئۈچ توپ ۋە پارچە تارقىتىش بازىرى ۋە نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان ئالتە تاللا بازىرىدىكى 40 خىل كۆكتات، مېۋە-چېۋە ھەمدە گۆش، تۇخۇم، ئۆي قۇشلىرىنىڭ باھا ئۇچۇرىنى تەكشۈرىدىكەن ۋە يىغىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق تىجارەت قىلىۋاتقان توپ تارقىتىش بازارلىرىغا بولغان نەق مەيداندا تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، كىرىپ چىقىدىغان خادىملارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، توپ تارقىتىش مەنبەسىدە مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرغان.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆكتات قاتارلىق 40 خىل تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسىي ئومۇمەن تەكشى تۆۋەنلىگەن، كۆپ خىل تۈردىكى كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ئىلگىرىكى بىلەن تەڭلەشكەن، بىر قىسىم كۆكتاتلارنىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ، قىسمەن كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ئۆرلىگەن، ئومۇمەن مۇقىم بولۇش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. توپ تارقىتىش ھالقىسىدىن قارىغاندا، جيۇدىڭ بازىرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ توپ تارقىتىش ئوتتۇرىچە باھاسى تۆۋەنلىگەن، شىنليەن، بېييۈەنچۇن، لىڭچىڭ قاتارلىق توپ تارقىتىش بازارلىرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ توپ تارقىتىش ئوتتۇرىچە باھاسى مۇقىم بولغان. تۈر جەھەتتىن قارىغاندا، تۇخۇمنىڭ باھاسى سەل ئۆرلىگەن، گۆش تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسى سەل تۆۋەنلىگەن، ئاق بالداق توخۇنىڭ باھاسى ئىلگىرىكى بىلەن تەڭلەشكەن، مېۋە-چېۋە تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسىمۇ ئىلگىرىكى بىلەن تەڭلەشكەن.

  شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇڭ مېيۋېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالتە توپ تارقىتىش بازىرى نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان، بەزى بازارلار 24 سائەت تىجارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش يولىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن راۋانلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېزا ئىگىلىك سودا بازىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، «ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك سودا بازارلىرى، ئۇنىۋېرسال بازار، كوچىلاردىكى كىچىك تىپتىكى يېمەك-ئىچمەك سورۇنلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە دېزىنفىكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، بازار باشقۇرغۇچىلار، تىجارەتچىلەر، بازارغا كىرىپ سودا قىلغۇچىلار، يۈك توشۇش ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرگە بولغان كىرىپ چىقىشنى باشقۇرۇش ۋە ساغلاملىقنى كۆزىتىش-ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، بازارغا كىرىدىغانلارنىڭ سانىنى ۋاقىت بۆلىكىگە بۆلۈپ كونترول قىلغان.

  8-ئاينىڭ 5-كۈنى، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى داۋاملىق شىنليەن، بېييۈەنچۇن قاتارلىق توپ تارقىتىش بازارلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نەق مەيداندا بازاردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ باھانى ئېنىق يازغان-يازمىغانلىقىنى، سېتىۋېلىش-سېتىشتىكى باھا پەرقى نىسبىتىنى قاتتىق كونتىرول قىلغان-قىلمىغانلىقىنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروپ ئۆلتۈرۈش تەدبىرلىرى قاتارلىقلارنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرگەن-ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىنى تەكشۈردى.

  شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى موۋ خەيبىننىڭ ئېيتىشىچە، باھانى سەييارە تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، گۆش تۈرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىق سوغۇق، يېڭى يېمەكلىكلەرگە بولغان نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەرقايسى بازارلاردىن ھەركۈنى تىجارەت باشلاشتىن بۇرۇن، بازارنى تاقىغاندىن كېيىن، تىجارەت سورۇنى ۋە سايمانلىرى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاش ۋە دېزىنفىكسىيەلەشنى، تىجارەتچىلەرنىڭ باھانى ئېنىق يېزىشقا قاتتىق ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ