تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارقىلىشچان زۇكام، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تارماقلىرى مۇنداق دېدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): تارقىلىشچان زۇكام، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كېسەلگە يولۇققاندا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ ئالاقىدار بىلىملەرنى تونۇشتۇردى.

  رۇي باۋلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تارقىلىشچان زۇكامنىڭ قىسمەن ئالامەتلىرى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مەسىلەن: قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۆتىلىش قاتارلىقلار، لېكىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ قوزغىلىشى بىر قەدەر جىددىي بولىدۇ، قىزىغاندا ئاساسەن يۇقىرى قىزىش كۆرۈلىدۇ، بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ ℃39تىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، توڭلاش، باش ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرى تېلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىر قەدەر روشەن بولىدۇ، نەپەس يولى كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر يېنىك بولىدۇ، ئادەتتە كېسەل قوزغىلىپ 4~3 كۈندىن كېيىن بەدەن تېمپېراتۇرىسى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ نورماللىشىدۇ، پۈتۈن بەدەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ياخشىلىنىدۇ.

  ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بولسا تۇبېركۇليۇز تاياقچە باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان سوزۇلما خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلىدۇر. كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن قارىغاندا، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىدا ئاساسلىقى يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، تۆۋەن قىزىتما، سوغۇق تەرلەش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ قىسمەن ئالامەتلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بولۇپ قىزىتقاندا كۆپ ھاللاردا چۈشتىن كېيىن تۆۋەن قىزىتما كۆرۈلىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە ئوتتۇراھال، يۇقىرى قىزىتما ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى ئاغرىقلىرىدا يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش ئادەتتە ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ ياكى بەلغەم قان ئارىلاش كېلىش، قان تۈكۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

  «گەرچە تارقىلىشچان زۇكام، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ھەممىسىدە قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كېسەل قوزغاتقۇچىلىرى ئوخشىمايدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تارقىلىشچان زۇكامنى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىنى تۇبېركۇليۇز تاياقچە باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاغرىقلار كېسەل كۆرسەتكەندىن كېيىن، كەسپىي خادىملار تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى تارىخى ۋە كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، پەرقلەندۈرۈپ دىياگنوز قويىدۇ. بۇ مول كەسپىي بىلىم تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە شۇنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمىزكى، قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ دىياگنوز قويدۇرۇپ، نېمە كېسەل ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىلمىي داۋالاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.» دېدى رۇي باۋلىڭ.

  رۇي باۋلىڭنىڭ دېيىشىچە، تارقىلىشچان زۇكام، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ھەممىسى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلىگە تەۋە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىدا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرەپلەر بار ئىكەن. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى:

  بىرىنچى، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش. ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرمەسلىك، يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە تازىلىق قەغىزى ياكى قول بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى توسۇۋېلىش، قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش، ياخشى شەخسىي تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، باكتېرىيە، ۋىرۇسلارنىڭ زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىش. دېرىزىنى كۆپرەك ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئۆي ئىچى مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش ئارقىلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلاردا ماسكا تاقاش ئارقىلىق، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ.

  تۆتىنچى، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئاقسىل، ۋىتامىن A، ۋىتامىن Cنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت قىلىش ۋە دەم ئېلىشتا قانۇنىيەتلىك بولۇپ، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، تارقىلىشچان زۇكامغا قارىتا، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئالدىنى ئالسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ