− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە (3)
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى دېھقانلار بۇغداي ساتماقتا. كۇچا شەھىرى يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش نۇقتىسىدىن جەمئىي ئوننى تەسىس قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.
(نىياز راخمان فوتوسى)
ھازىر يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولۇپ، نەچچە ئاي جاپالىق ئىشلىگەن ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلار ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىلگە كەلدى.
ئاشلىق سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئاشلىق بىخەتەرلىكى چوڭ ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل شىنجاڭدا بۇغداي سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغان ئۈچىنچى يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدا سۈپىتى ئەلا بۇغدايلار بازارنىڭ ئالقىشىغا سىجىل ئېرىشىپ، سېتىۋېلىش باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ پايدىسى ئاشتى، بۇغداي سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولدى.
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا. 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگە قەدەر، جەمئىي 1 مىليون 947 مىڭ توننا بۇغداي سېتىۋېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 260 مىڭ توننا كۆپىيىپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك تېز بولدى.
ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش مېخانىزمى جانلىق بولۇش
«بۇغداينىڭ دېنى ھەم چوڭ، ھەم توق، ناھايىتى ياخشى بولدى!» 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئەتىگەندىلا، خاماندا بۇغداينى سورۇپ ئاپتوموبىلغا قاچىلاۋاتقان گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى شوتۇن كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى مېڭ چيەنشىننىڭ خۇشاللىقىدىن ئاغزى يۇمۇلماي قالدى.
مېڭ چيەنشىن شۇ جايدىكى داڭلىق ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، بۇ يىل 5000 مو بۇغداي تېرىغانىدى.
«ھازىر بۇغداي تېرىش ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىسى ناھايىتى تولۇپ تاشتى.» تېرىقچىلىق تەجرىبىسى مول مېڭ چيەنشىن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدە توختالدى، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى ناھايىتى كۆپ ئىدى.
«مەن بۇ يىل تېرىغان شىندۇڭ 22 - نومۇرلۇق بۇغداينى يىغىپ بولدۇم، ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى 1 - دەرىجىلىك بولدى. ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 650 كىلوگىرام بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوتتۇرىچە مو بېشىدىن 100 كىلوگىرام يۇقىرى بولدى.» مېڭ چيەنشىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل بۇغداينىڭ ھوسۇلى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى، بازار ئەھۋالىمۇ ياخشى بولدى، شىندۇڭ 22 - نومۇرلۇق بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش باھاسى بۇلتۇرقىدىن كىلوگىرامى 0.1 يۈەنگە يېقىن يۇقىرى بولدى، پايدىسى چوقۇم بۇلتۇرقىدىن ياخشى بولىدۇ.
مېڭ چيەنشىنگە ئوخشاش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارغانسېرى كۆپ ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلار ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولماقتا.
2018 - يىلى، شىنجاڭدا بۇغداي سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش بويىچە 2004 - يىلىدىن بۇيانقى ئىشلەپچىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى يۆنىلىش قىلغان «ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش، قويۇۋېتىپ سېتىۋېلىش، قويۇۋېتىپ بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىش»تىن ئىبارەت بۇغداي سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش سىياسىتى توختىتىلىپ، بازارنى يۆنىلىش قىلغان يېڭى مېخانىزم ئورنىتىلدى.
ئىسلاھات ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى يۆنىلىش قىلغان رايون ئەھۋالى، ئاشلىق ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بۇغداينى بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش يېڭى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش»نى نامايان قىلىپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئاشلىقنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2020 - يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدا بۇغداي سېتىۋېلىش ئوتتۇرىچە باھاسى كىلوگىرامى 2.47 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن كىلوگىرامى 0.04 يۈەن يۇقىرى بولغان، 1 - دەرىجىلىك ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش باھاسى كىلوگىرامى 2.7 يۈەندىن 2.8 يۈەنگىچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كىلوگىرامى تەخمىنەن 0.1 يۈەن ئۆسكەن، بۇغداينىڭ ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولغان.
كەلگۈسىدە ئاپتونوم رايونىمىز ھۆكۈمەت يېتەكلەش، باھانى بازار بېكىتىش، كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلار سېتىۋېلىش، ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش، ئەلا سۈپەتلىكلىرىگە يۇقىرى تولۇقلىما بېرىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ، بۇغداي سېتىۋېلىش باھاسىنى ھەرقايسى سېتىۋېلىش كارخانىلىرى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن سۈپىتىگە قاراپ باھا قويۇپ، ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ.
كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكت رىقابەت ئەندىزىسى شەكىللىنىش
ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى. ئىلگىرى يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش پەقەت دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق كارخانىلىرىنىڭ «يالغۇز كىشىلىك ئويۇن»ى ئىدى، بۇغداي سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن كېيىن، دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق كارخانىلىرى، خۇسۇسىي كارخانىلار، ئاشلىق ۋاسىتىچىلىرى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەممىسى بۇغداي سېتىۋېلىش ھالقىلىرىغا قاتنىشىپ، ئاشلىق سېتىۋېلىشتا كۆپ مەنبەلىك بازار سۇبيېكتلىرى بىر سەھنىدە رىقابەتلىشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.
شىنجاڭ شېڭكاڭ ئاشلىق - ياغ چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەر كۈنلۈك سېتىۋېلىش مىقدارى 1500 توننىدىن ئاشىدۇ، بىر كۈنلۈك 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغى كارخانىنىڭ يازلىق ئاشلىقنى ئوڭۇشلۇق سېتىۋېلىشىنىڭ كاپالىتى.
«ئىلگىرى دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق كارخانىسىلا بولغاچقا، ئاشلىق ئامبىرى قىس، سېتىۋېلىش ۋاقتى ئۇزاق ئىدى، دائىم دېھقانلارنىڭ <كىچىك تۆت چاق>نى ھەيدەپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئاشلىق سېتىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالنى كۆرگىلى بولاتتى». شىنجاڭ شىنتيەنجۈن ئۇن چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلارنىڭ بازارغا كىرىپ بۇغداي سېتىۋېلىشى بىزنىڭ پىششىقلاش كارخانىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، سېتىۋېلىش ھالقىسىنى ئازايتىپ، كارخانىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى، يەنە سۈپەتنى مەنبەدىن كونترول قىلالايدىغان بولدۇق».
جاڭ ۋېينىڭ قارىشىچە، ئىسلاھاتنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى شۇكى، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي سورتىنى تېرىش ئاكتىپلىقى ئاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇغداي كەسپىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، دېھقانلارنى كارخانىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى سىستېمىسى بويىچە، ئېھتىياجلىق ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكلەيدۇ. ئەلا سۈپەتلىكلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش ئارقىلىق، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقى ئاشتى، كارخانىمىزنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئۆستى.
بۈگۈنكى كۈندە، دېھقانلارنىڭ بازار ئېڭى تەدرىجىي كۈچەيدى − بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق تېرىش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى پايدىغا ئېرىشتى.
بۇغداي سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىن بۇيان، بازار ئامىلى قوزغىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئۇرغۇتۇلۇپ، ئاشلىق بازىرى جانلىنىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
8 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، يەرلىكتىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىلىرى 1 مىليون 345 مىڭ توننا ئاشلىق سېتىۋالدى، جۇڭگو زاپاس ئاشلىق گۇرۇھىغا بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىلار 208 مىڭ توننا ئاشلىق سېتىۋالدى، كۆلەمدىن يۇقىرى پىششىقلاش كارخانىلىرى 264 مىڭ توننا ئاشلىق سېتىۋالدى. جەنۇبىي شىنجاڭدا جەمئىي 967 مىڭ توننا ئاشلىق سېتىۋېلىنىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن 301 مىڭ توننا ئاشتى.
«ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق سېتىۋېلىشتا دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش - سېتىش كارخانىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىش، سېتىۋېلىشقا يېتەكلەش، باھا شەكىللەندۈرۈش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، بۇغداي ئۇنى پىششىقلاش كارخانىلىرى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلارنى بازارغا كىرىپ سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاشلىق بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ياخشى رىقابەت شەكىللەندۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇشنى سىياسەت تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.
مۇلازىمەت سەمىمىي بولۇش دېھقانلار ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن بولۇش
يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشنى ياخشى تۇتۇش ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك.
«ھازىر ئاشلىق پونكىتلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى، ئاشلىق تاپشۇرۇشتا ئۆچرەتتە تۇرمايمىز، باھانى تۆۋەنلىتىۋالمايدۇ، ئاق تالون بەرمەيدۇ، بىز ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۇق» دېدى 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جېلىليۈزى بازىرى يەكەن مەھەللىسى كەنتىدىكى دېھقان ئابلىكىم قۇربان خۇشال ھالدا.
ئىلى دۆلەت ئاشلىق زاپاس ساقلاش ئامبىرى ئەۋرىشكە ئېلىش، نەملىكنى ئۆلچەش، جىڭلاش، ئاشلىق چۈشۈرۈش، پۇل تۆلەشتىن تارتىپ ھەتتا قۇرۇتۇش، ئامبارغا كىرگۈزۈش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردىكى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خادىملار سېلىنمىسى سالمىقىنى زورايتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ ئامبارغا كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خەلققە قولايلىق تۈرلۈك مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ئاشلىق ساتىدىغان دېھقانلارنى «ئاشلىقنى چۈشىنىپ سېتىش» «ئاشلىقنى راھەت سېتىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
كوناشەھەر ناھىيەلىك ئاشلىق سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش شىركىتىنىڭ مەركىزىي ئاشلىق ئامبىرىدا، ئاشلىق سېتىشقا كەلگەن سايباغ يېزىسىنىڭ كۈپسىڭى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى كەنجى قۇربان ئىككى سائەتتىلا ئۆزىنىڭ 2000 كىلوگىرام بۇغدىيىنى سېتىپ بولدى، «بۈگۈن 4700 يۈەن ئالدىم، يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ھەر مو يەرگە 220 يۈەن ياردەم تولۇقلىمسى بار، كېلەر يىلى يەنە بۇغداي تېرىيمەن!»
كوناشەھەر ناھىيەلىك ئاشلىق سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش شىركىتى پۈتۈن ناھىيەدە 11 سېتىۋېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، 29 ئامبارنى بىكارلاپ - بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىدە بار بولغان ئاشلىق يىغىۋېلىش ئۈسكۈنىسى ئاساسىدا، ئاشلىق تازىلاش ماشىنىسىدىن سەككىزنى، يەتكۈزۈش ماشىنىسىدىن بەشنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئاشلىق تاپشۇرىدىغان دېھقانلارنىڭ ئاشلىقنى دەل ۋاقتىدا، بىخەتەر، تەرتىپلىك تاپشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت رايونى تەسىس قىلدى ھەم ئاشلىق ساتىدىغان دېھقانلارنى نان، تاۋۇز، ئىچىدىغان سۇ قاتارلىقلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى.
ياخشى سىياسەت ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. ئىسلاھات ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئاشلىق ساتقان دېھقانلارنىڭ ئەرز قىلىش سانى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، رازى بولۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاشلىق ساتىدىغان دېھقانلارنى ئاز قاترىتىش، ئاز ئۆچرەتتە تۇرغۇزۇش، ئاشلىقنى سېتىشى بىلەنلا پۇلنى قولغا تۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتقان، ھەرقايسى جايلار باھانى تاختىغا چىقىرىش، ئۆلچەمنى تامغا چىقىرىش، ئەۋرىشكىنى سۇپىغا چىقىرىشتا چىڭ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سېتىۋېلىشنىڭ تەشكىلىي شەكلىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئالدىن كېلىشىپ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ سېتىۋېلىش، تاقاشتۇرماي سېتىۋېلىش ئارقىلىق، ھەرقايسى سېتىۋېلىش پونكىت نۇقتىلىرى سېتىۋېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ماشىنىلاشقان ئاشلىق سېتىۋېلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق سېتىشتىكى ئەمگەك سىجىللىقىنى ئازايتىپ، يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىشتا «ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇش» «ئاشلىق بىر كېچە تۇرۇپ قېلىش» مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلغان.
ئاشلىق سېتىۋېلىش - زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئوچار بازىرى قۇچقاچباغ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى كامىل روزى ئائىلىسىنىڭ 6.6 مو يېرىنى كەنتتىكى يېڭى ئۈمىد تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا تاپشۇرۇپ بەردى. «ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا سورت، تېرىش، ئېتىز پەرۋىشى، ئورۇش، سېتىشنىڭ ھەممىسى بىرتۇتاش بولۇپ، پايدىمىز كاپالەتكە ئىگە» دېدى كامىل.
بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى ئۈمىد تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوخشاش يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقالدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى 27 مىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى، 903 ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ ئەنگە ئالدى، بۇ يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى مۇۋاپىق كۆلەمدە تىجارەت قىلىش ئارقىلىق، كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يولىغا كىرگۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈردى.