تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

24 سائەت تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى توختىتىپ قويماسلىق، سەھەر سائەت 4تىكى شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرىغا نەزەر

     سىز سەھەر سائەت 4تىكى شەھەرنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ قاراڭغۇلۇقتىن، سوغۇق قۇرۇلۇشلاردىن باشقا، سىز يەنە نېمىلەرنى بىلىسىز؟ مۇخبىر يەنە بىر قېتىم شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرىغا قاراپ يول ئالدى. كېچە قوينىدىكى بىر توپ سۆيۈملۈك كىشىلەرنى يەنى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان بۇ كىشىلەرنى زىيارەت قىلدى. ئۇلار مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»نى قوغدىدى.

  سەھەر سائەت 4تە، پۈتۈن شەھەر جىمجىت بولۇپ، تومۇزدىكى ئۈرۈمچىنىڭ كۈندۈزدىكى ئىسسىق ۋە دىمىق ھالىتىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، شەھەردىكى كىشىلەر گۈزەل چۈشلەر قوينىدا ئەللەيلىنىۋاتقاندا، ئۈرۈمچىنىڭ بۇ يېرىدىكى ئىللىق سارغۇچ رەڭلىق چىراغ نۇرى كېچە قوينىنى يورۇتۇپ تۇراتتى، كىشىلەر بەئەينى كۈندۈزدىكىدەكلا ئالدىراش يۈرەتتى.

  شىنجاڭ، ھەتتا غەربىي شىمال رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 1- دەرىجىلىك توپ تارقىتىش بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرى پۈتۈن شىنجاڭنى %85تىن يۇقىرى مېۋە-چېۋە، كۆكتات بىلەن تەمىنلەشتەك ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، «كۆك-تاق» بىلەن مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

  قىسىم ئۇرۇشقا ئاتلىنىشتىن ئىلگىرى ئاشلىق ۋە باشقا تەمىناتلارنى ئالدىن تەييارلاش كېرەك.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئىش-تۈتەكسىز جەڭدە، قانداق قىلغاندا شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ «كۆك-تاق»ىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش نۆۋەتتىكى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تېمىسى.

  بازارنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفىكسىيەلەش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملىنىپ، ئىككى نۆۋەت نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بارلىق خادىملار ۋە ماللارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەنپىي چىققانلىقى، ھېچقانداق ئادەمدە يۇقۇملىنىش بايقالمىغانلىقى، يەنە ھېچقانداق مەھسۇلاتنىڭ يۇقۇملىنىشقا ئۇچرىمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش ئاساسىدا، 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 17:00دىن باشلاپ، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرى پۈتۈن كۈن 24 سائەتلىك تىجارەت قىلىپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  8-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر سائەت 4تە، بازار قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، ھەممە ئادەم ماسكا تاقىغانىدى. چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى، كىچىك قول ھارۋىلىرى، توكسىكلىتلار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، باھاسىنى سورايتتى، جىڭلايتتى، پۇل تۆلەپ ئاپتوموبىلغا باساتتى. بۇ ئالدىراش مەنزىرىنىڭ ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدىن پەرقى يوق ئىدى.

  7-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 18دىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 18گىچە، 3500 توننىدىن ئارتۇق مېۋە-چېۋە، كۆكتات بۇ يەردىن ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئولتۇراق رايونلارغا توشۇلغان.

  8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 22دىن باشلاپ، جيۇدىڭ بازىرى بارلىق كۆكتات توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن ئېلىنىدىغان بازارغا كىرىپ سودا قىلىش ھەققى، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى، بازاردىن چىقىشتا ۋاقىتتىن ئاشۇرۇۋېتىش ھەققى، كىچىك جىڭغا كارتا سۈرۈش ھەققى قاتارلىقلارنى كەچۈرۈم قىلغان، ھەر توننا كۆكتاتتىن جەمئىي 70 يۈەننى كەچۈرۈم قىلىپ، بازارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلغان.

  «كۆك-تاق»نىڭ بىخەتەر، ساغلام بولۇشى نۇرغۇن ئادەمنىڭ چىڭ تۇرغانلىقىدىن بولغان. ئۇلار مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئاممىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»نى قوغداپ، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىچە تىرىشىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش

جيۇدىڭ، غەيرەت قىل!

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى