شىنجاڭ قومۇل شەھىرىدىكى باركۆل يايلىقى پەسىل قۇشلىرىنىڭ ماكانى ۋە كۆپىيىدىغان جايى، ياز پەسلىدىكى يايلاق سۇلۇق يېرىنىڭ سۇ تەۋەسى ۋە قومۇشلۇق ئىچىدە، ھاڭگىرت، ئاق قوتان، فېڭتوۋ چۆمگىكى، چايكا قاتارلىق سۇ قۇشلىرى لەرزان پەرۋاز قىلىپ، ئارام ئېلىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، قۇش بالىلىرى توپ-توپ بولۇپ سۇ ئۈزۈپ ئويناپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرىنى ھاسىل قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى مۇھىت ئاسراش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۈنۈملۈك قوغدالدى، يايلاق سۇلۇق يېرى يېشىللىققا پۈركىنىپ، پەسىل قۇشلىرىنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى.
باركۆل يايلاق سۇلۇق يېرىدە بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئەركىن-ئازادە ياشاۋاتقان ھاڭگىرت.
بىر سۇ قۇشى باركۆل يايلاق سۇلۇق يېرىدە ئۈزمەكتە.
چايكىلار باركۆل يايلاق سۇلۇق يېرىدە ئوينىماقتا.
چۆمگەك ئۆردەك توپى باركۆل يايلاق سۇلۇق يېرىنىڭ سۇ يۈزىدە ئارام ئالماقتا.
ياۋا ئۆردەك باركۆل يايلاق سۇلۇق يېرىنىڭ سۇ يۈزىدە ئۇياقتىن-بۇياققا ئۇچۇپ يۈرمەكتە.
ئاق قوتان باركۆل يايلاق سۇلۇق يېرىدىكى قومۇشلۇق ئارىسىدىن ئۆيىنى ئىزدىمەكتە.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى