تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى

    مۇخبىرنىڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى(GDP) 61 مىليارد 64 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن ئوبلاستنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %59.9 ئاشقان؛ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 5 مىليارد 512 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 ئاشقان.

4-ئاينىڭ 19-كۈنى، بىر ئىشچى سانجى يىدا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يىپ ئېگىرىش سېخىدا چارلاپ تەكشۈرمەكتە.(خې لۇڭ فوتوسى)  

  7-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر سائەت 2دىن 15 مىنۇت 38 سېكۇنت ئۆتكەندە، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ تەكشۈرۈش-رېمونت قىلىش شىركىتى 1100± كىلوۋولتلۇق سانجى ئېقىم ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ بۇ يىل سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى 20 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكەن. «ھازىر، سانجى ئېقىم ئالماشتۇرۇش پونكىتى ھەركۈنى جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمىغا تەخمىنەن 120 مىليون كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزىدۇ» دېدى سانجى ئېقىم ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى يىن خۇڭشيا تونۇشتۇرۇپ.

  1-ئايدىن 5-ئايغىچە، سانجى ئوبلاستىغا قاراشلىق كارخانىلارنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 223 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئېشىپ، 1-پەسىلدىكىدىن 2.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سانجى ئوبلاستى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن، توردىكى يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ سىياسەتنىڭ قوللىشىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى گەۋدىلىك بولغان. 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، سانجى ئوبلاستىدا چەكلىك سوممىدىن ئاشقان ئەمەلىي بويۇملارنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى %183.6 ئېشىپ، ئاممىۋى تور ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان يېمەك-ئىچمەك كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %166.1 ئاشقان.

  «学习强国»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ