− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە (1)
7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، چوڭ تىپتىكى كومبايىن گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ۋۇماچاڭ يېزىسى ئاغاشقۇلاق كەنتىدە بۇغداي ئورۇماقتا.
(ۋۇ بوخۇڭ فوتوسى)
[تەھرىر ئىزاھاتى]
«خۇڭفەن»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سەككىز سىياسەتتە، ئاشلىق بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىپ، «ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەمىنلەشكە، ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»تىن ئىبارەت يېڭى ئاشلىق بىخەتەرلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىشى بىلەن، شىنجاڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يولىنى تېپىپ چىقتى. بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتىدە ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ پارچە يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە ئېلان قىلىنىدۇ، دىققەت قىلغايسىزلەر.
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يى
يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى گۈلدۈرلەۋاتاتتى، يازنىڭ ئۈچ ئىشى ئالدىراشلىققا تولغانىدى. ئالتۇن رەڭلىك ئېتىزلىقتا بۇغداي دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرۇپ، كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان خۇش ھىد چېچىپ تۇراتتى. ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىدىغان تېرە، مەرۋايىتتەك تەر تامچىلىرى، ساددا كۈلكىلەرنىڭ ھەممىسى مول ھوسۇلنىڭ ئەڭ گۈزەل تەسۋىرى ئىدى.
يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىل، يەنە بىر گۈزەل مەنزىرە. بۇ يىل، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە قىسمەن رايونلار دۇچ كەلگەن قۇرغاقچىلىق قاتارلىق پايدىسىز تەسىرلەرنى تۈگىتىپ، شىنجاڭ يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا يەنە مول ھوسۇل ئالدى.
شىنجاڭ ئىچكىرى رايونلاردىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلاردىن يىراق، قاتناش توشۇش ئارىلىقى ئۇزۇن، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە جەزمەن ئۆزىنى ئۆزى قامدىشى كېرەك. كۆپ يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، «شىنجاڭ ئىچىدە تەڭپۇڭلىشىش، ئازراق ئېشىنچا بولۇش»تىن ئىبارەت ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنى چۆرىدىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، بۇغداي، قوناق ئاساس قىلىنغان، شال، پۇرچاق، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر، قارا ئاشلىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ تۇراقلاشتۇرغۇچلۇق رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.
ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يېتەرلىك: كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق مىقدارى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى
ئاشلىق بىخەتەرلىكى تىلغا ئېلىنسا، شىنجاڭ ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. 2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 33 مىليون 60 مىڭ موغا يەتتى، ئومۇمىي ھوسۇل 15 مىليون 270 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 230 مىڭ توننا ئاشتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق مىقدارى 614 كىلوگىرامغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 470 كىلوگىراملىق ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەمىنلەپ، ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
بۇ يىل كىلىماتنىڭ تەسىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا قۇرغاقچىلىق كۆرۈلۈپ، بۇغداي ھوسۇلى قىسمەن كېمىيىپ كەتتى. لېكىن بالدۇر ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقتىن، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىليون مودىن كۆپرەك كۆپەيتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى قۇرغاقچىلىق زىيىنىنىڭ ئورنى تولدۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بۇغداي ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن 336 مىڭ توننا ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى بار، ئەمەلىي كۈچى بار، شۇنداقلا ئىلمىي بولغان بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بار.
بۇغداي ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئاشلىقى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا «شىنجاڭ ئىچىدە تەڭپۇڭلىشىش، ئازراق ئېشىنچا بولۇش» ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېھتىياجنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش. كۈزگى بۇغداي ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بالدۇر پىشىش، ھوسۇلى يۇقىرى بولۇش، سۈپىتى ياخشى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، يەنە ئەتىيازلىق سۇ ئىشلىتىش زىددىيىتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ. شۇڭا، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، كۈزگى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتقانلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ تۇتقانلىقتۇر.
ئەتىياز پەسلى بىر يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، لېكىن شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش جېڭى بۇلتۇر كۈز پەسلىدىلا باشلاندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نوپۇس، ئىشلەپچىقىرىش ئىستېمالى، ئاپەت قاتارلىق ئامىللار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، ھەر يىلى كۈزگى بۇغداينى يېتەكچى خاراكتېرلىك تېرىش پىلانى تۈزۈلۈپ، كۈز پەسلىدە كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، تېرىقچىلىق پىلانى ئىلمىي بۆلۈنۈپ ھەم ناھىيە، يېزا، دېھقان ئائىلىلىرى ۋە يەرلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇغداي ھوسۇلىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى چىڭىتىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇ يېرىنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى كۆپ قېتىم ئۆستۈرۈلۈپ، 2017 - يىلى ھەر مو يەرگە بېرىلىدىغان 100 يۈەن نۆۋەتتىكى 220 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقى قوغدالدى.
«بۇ يىل مەن 13 مو يەرگە بۇغداي تېرىدىم، ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇلىنىڭ 500 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولۇشىنى مۆلچەرلەۋاتىمەن، بۇنىڭغا دۆلەتنىڭ 220 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى قوشۇلسا، بۇ يىل ئاشلىق تېرىشتىن قىلغان كىرىمىمنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.» مەكىت ناھىيەسى قىزىلئاۋات يېزىسى تاتار ئۆستەڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى شەرۋانگۈل قۇۋان مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە تېرىلغۇ يەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ بۇغداي تېرىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولدى، تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتى، ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىمۇ ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئاشتى.
ئىلمىي تېرىقچىلىق پىلانى تىرەك بولۇپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى، بۇلار پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ، بولۇپمۇ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم ئاساسىنى شەكىللەندۈردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى مۇقىم ئاشتى، بازاردا ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش تولۇق، باھا مۇقىم بولۇپ، شەرۋانگۈلگە ئوخشاش بارغانسېرى كۆپ ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقاننىڭ كىرىمى ئاشتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكى تېخىمۇ چىڭ ساقلاندى.
ئۈنۈمى ياخشى: قۇرۇلما تېخىمۇ مۇۋاپىق بولدى دېھقانلارنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى
قولدا ئاشلىق بولسا، كۆڭۈل خاتىرجەم بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى پۇقرالارنىڭ ئوزۇقلۇق ئاشلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن تېخىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىي تىرىكى ۋە مۇھىم كاپالىتى.
يېقىنقى يىللاردا، شىنجاڭ ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، بۇغداي، قوناق قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتتى. شىمالىي شىنجاڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، ئورگانىك، مول سېلېنلىق قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس بۇغدايلارنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جەنۇبىي شىنجاڭ مەۋقەنى ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداي يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشتا مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىن مىقدارى، سۈپىتىنى ئورتاق ئۆستۈرۈشكە قاراپ ئۆزگىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە، ئىشلىتىلىشى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان بۇغداي بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، قوناق كەسپىنىڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان، يېشىل بولغان، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.
بۇ ئىككى يىلدا، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىن كەلگەن «ياۋجەنزى» يۈرۈشلۈك ئورگانىك بۇغداي ئۇنى، مول سېلېنلىق بۇغداي ئۇنى، ئورگانىك قارا بۇغداي ئۇنى قاتارلىقلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بازارغا سېلىندى ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغدىيىنىڭ قاتتىق تەلەپكە يەتكەن سۈپىتىنى مەركەزلىك نامايان قىلىش بىلەن بىللە، يەنە كىشىلەرگە ئىسلاھاتنىڭ ئاشلىق كەسپىگە قوشقان قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
«ئورگانىك ئۇننىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 20 يۈەندىن ئېشىپ، ئادەتتىكى ئۇندىن خېلىلا يۇقىرى بولدى.» گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى فېڭيۈ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش ئەزاسى لى چياڭ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئورگانىك بۇغداي تېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلەتمىدى، بۇغداينىڭ ھوسۇلى تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن مو بېشى ئوتتۇرىچە ئۈنۈمى تۆۋەن بولماي، بۇغداينىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەسىپ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.
نۆۋەتتە، فېڭيۈ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەرلىكتىكى 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ياۋجەنزى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى مۇھىم تايانچقا ئايلاندى.
ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىش ئاساسىدا، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينىڭ تېرىلىش نىسبىتى %20كە يېتىپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى مۇقىم ئاشتى. كېيىنكى قەدەمدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكى، چۆچەك - دۆربىلجىن ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكى، يەنجى ئويمانلىقى، ئىلى دەريا ۋادىسى، تارىم ئويمانلىقى قاتارلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەل رايونى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشنى ئەۋزەل رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈش ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىپ، بۇغداي بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى قوناق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئادەتتىكى مەھسۇلات مىقدارى تىپىدىن، يۇقىرى قاتلاملىق مەخسۇس سۈپەت تىپىگە ئۆزگىرىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قوناق كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ.
2025 - يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭدا ئەلا سۈپەتلىك، يېشىل ئورگانىك بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 4 مىليون مودىن كەم بولماسلىقى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كاپالىتى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئىشلىتىلىشى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك، ماسلىشىشى تېخىمۇ كەڭ، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ.
زاپاس ساقلاش ئەلا: سىستېما تاكامۇللاشتى ئامبار زاپىسى تولۇق بولدى
ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشلا بولۇپ قالماستىن، ئېتىز بېشىدىن تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچلىك ئاشلىق، ياغ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىشمۇ ئوخشاشلا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە.
بازارنىڭ مۇقىم ئايلىنىشى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان ئاشلىق زاپىسى بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. 2018 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بۇغداي يىغىپ ساقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى باشلاپ يولغا قويدى، دېھقانلار سېتىش ئوبيېكتىنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدىغان بولدى، بۇغداي يىغىپ ساقلاش تۈزۈمىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ما شۆيۈەن مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتتىن كېيىن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق كارخانىلىرى، خۇسۇسىي كارخانىلار، ئاشلىق ۋاسىتىچىلىرى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك بازار سۇبيېكتلىرى بىرلىكتە بازارغا كىرىپ سېتىۋالىدىغان يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندى، سۈپىتى ئەلا بۇغداينىڭ بازار ئېھتىياجى يۇقىرى بولۇپ، باھا ئىپادىسى بىرقەدەر كۈچلۈك بولدى. بۇ يىل سۈپىتى ئەلا شىندۇڭ 22 - نومۇرلۇق بۇغداينىڭ سېتىۋېلىش باھاسى كىلوگىرامى 2.75 يۈەن ئەتراپىغا، ئۇرۇقلۇق ئاشلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى سېتىۋېلىش باھاسى كىلوگىرامى 2.96 يۈەنگە يەتتى، بۇغداينىڭ ئەلا سۈپەتلىك بولۇش، باھاسىنىڭ ياخشى بولۇش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولدى.
ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاشلىقنى جىددىي ئېھتىياجنى قامداش ئۈچۈن زاپاس ساقلاش، پىششىقلاش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىقنى يىغىپ ساقلاش، نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە سېتىشنى تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق بازىرى تەمىناتىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەمىنلەشكە، ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي تەلىپى ۋە باسقۇچ خاراكتېرلىك بازار تەمىنات مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، يەرلىك ئاشلىق زاپىسى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىچكى ئايلانما ئېقىم ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق يېشىل بولغان ئاشلىق ساقلاش تېخنىكىسىنى پائال كېڭەيتىپ، ئاشلىق تېجەش، زىياننى ئازايتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا مەركەز زاپىسى، ئاپتونوم رايون زاپىسى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر زاپىسى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك زاپاستىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ئاشلىق زاپىسى سىستېمىسى شەكىللەندى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر جىددىي ئېھتىياجنى قامدايدىغان تەييار ئاشلىق زاپىسىنى پائال كۈچەيتىپ ۋە تولۇقلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 101 ئاساسلىق ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش كارخانىسىدىن تەشكىللەنگەن جىددىي ئېھتىياجنى قامدايدىغان ئاشلىق پىششىقلاش تورىنى قۇردى ھەم بېكىتىلگەن كارخانا ياكى ئاپپاراتلارغا جىددىي ئېھتىياجنى قامدايدىغان ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھاۋالە قىلىپ، جىددىي ئېھتىياجنى قامدايدىغان ئاشلىق تور نۇقتىسىدىن 731نى قۇرۇپ چىقتى.
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەت لايىھەسىنى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوبوروت يوللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، راۋانلاشتۇرۇپ، بازار تەمىناتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى، ئۆكسۈپ قالماسلىقى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاشلىق، ياغ ئامبار زاپىسىنىڭ تولۇق، زاپىسىنىڭ يېتەرلىك، تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بۇغداينىڭ ئامبار زاپاس مىقدارى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ 18 ئايدىن ئارتۇق ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ ئىستېمالىنى قاندۇرالايدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاشلىقنى سېتىۋالالايدىغان، ياخشى ساقلىيالايدىغان، تەڭشەپ يۆتكىيەلەيدىغان، ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تاماق قاچىسىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.