تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مەھەللە «تەتۈر يۆنىلىشلىك ئىشىك قوڭغۇرىقى» ئورنىتىپ بەردى، ياشانغانلار بىر باسسىلا پىدائىيلار ناھايىتى تېزلا ھازىر بولىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇەن شياۋلى خەۋىرى، فوتوسى): «جىرىڭ ...» 8-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 11دە، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شىڭفۇ چېڭشى گۈللۈكى ئولتۇراق رايونى 42-بىنا 4-دەنيۈەننىڭ ئىشىكى ئالدىدا يېڭىدىن ئورنىتىلغان ئىشىك قوڭغۇرىقىدىن تۇيۇقسىز بىر نەچچە سېكۇنت ئاستا مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلاندى. «ۋاڭ ھەدە بىرەر ئىش بىلەن بىزنى ئىزدىدى!» نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان پىدائىي ئارناد نۇرلا بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال بىناغا چىقتى. ئۇ بىناغا چىققاندىن كېيىن، ۋاڭ ھەدىنىڭ كۆكتات ئالماقچى بولۇپ قوڭغۇراقنى باسقانلىقىنى بىلدى.

دەنيۈەن ئىشىكىنىڭ سىرتىدىكى ئىشىك قوڭغۇرىقى.

  ئارناد نۇرلا دەۋاتقان «ۋاڭ ھەدە» ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالە ۋاڭ ئەييۈن بولۇپ، بۇ يىل 88 ياشقا كىرگەنىدى، ئۆيدە ئۆزى يالغۇز بولۇپ ھېچقانداق قارىغۇچىسى يوق، يان تېلېفون ئىشلىتىشنىمۇ بىلمەيتتى. بۇ موماينىڭ ھالىدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىڭفۇ چېڭشى گۈللۈكى مەھەللىسى مەھەللە باشقۇرۇش بۆلۈمى بىلەن بىرلىشىپ بۇ ياشانغان موماينىڭ ئۆيىگە «تەتۈر يۆنىلىشلىك ئىشىك قوڭغۇرىقى» ئورنىتىپ بەردى.

  بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «تەتۈر يۆنىلىشلىك ئىشىك قوڭغۇرىقى» ياشانغانلارنىڭ ئۆيىدە قوڭغۇراق باسسا، بىنانىڭ سىرتىدا سايرايدىغان قوڭغۇراقنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىلگىرىكى ئاھالىلەر بىنانىڭ ئاستىدا تۇرۇپ قوڭغۇراق باسسا، ئۆينىڭ ئىچىدە سايرايدىغان قوڭغۇراقنىڭ ئەكسىچە. خىزمەتچىلەر ۋاڭ ئەييۈننىڭ مېھمانخانا ئۆيىدىكى سافا قويۇلغان تامغا ئاق رەڭلىك ئىشىك قوڭغۇرىقى كەيگۈەنىنى ئورنىتىپ بەردى. بۇ كەيگۈەن بىنا سىرتىغا ئورنىتىلغان ئىشىك قوڭغۇرىقى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، موماينىڭ ھەرقانداق ئېھتىياجى بولسا، پەقەت ئۆيدە تۇرۇپ كەيگۈەننى باسسىلا، بىنانىڭ ئاستىدىكى پىدائىيلار قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ.

  «ئىلگىرى ھەر ۋاقىت ۋاڭ موماي بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالماي قالدۇق، ھازىر ئىشىك قوڭغۇرىقى ئورنىتىپ ياشانغانلارغا قولايلىق بولدى، بىزمۇ خاتىرجەم بولدۇق.» پىدائىي ئارناد نۇرلا مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە، پىدائىيلار ئەتىگەندىن كېچىگىچە خىزمەت قىلىدۇ، كۈندۈزدە ياشانغانلار ھەر ۋاقىت ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ. كېچىدە، مەھەللە ۋە باشقا خىزمەتچى خادىملارمۇ توختىماستىن ئولتۇراق رايوننى چارلاپ نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ، قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان دەرھال يېتىپ بارىدۇ.

  قوڭغۇراق ئاۋازىنىڭ باشقا ئاھالىلەرنىڭ ئارامىنى بۇزۇش-بۇزماسلىقىغا قارىتا، بۇ بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى بىر ئاھالە مۇنداق دېدى: «ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بىنا سىرتىغا ئورناتسا ھېچقانداق شاۋقۇن چىقمايدۇ، ئاۋاز چىققان تەقدىردىمۇ بىز توغرا چۈشىنىمىز، ياشانغانلارمۇ باشقا ئىش بولمىسا قوڭغۇراقنى باسمايدۇ.»

  «بىزنىڭ تەۋەلىكتە جەمئىي 2304 ئائىلىلىك ئاھالە بار، بۇنىڭ ئىچىدە 648 ئاھالە 70 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار. بۇ ياشانغانلارنىڭ ئىچىدە يەتتە ياشانغان بوۋاي-موماينىڭ قىز-ئوغۇللىرى ۋاقتىنچە يېنىدا بولمىغانلىقتىن، قارىغۇچىسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە يان تېلېفون ئىشلىتىشنىمۇ بىلمەيدۇ.» تىيانشان رايونى شىڭفۇ چېڭشى گۈللۈكى مەھەللە ئاھالە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ جيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ياشانغانلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، مەھەللە ئاھالە كومىتېتى ۋاڭ ئەييۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئائىلىگە «تەتۈر يۆنىلىشلىك ئىشىك قوڭغۇرىقى» ئورنىتىپ بەردى. «ياشانغانلار بىر قەدەر تارقاق ئولتۇراقلاشقان، بىر بىنادا ياردەمگە ئېھتىياجى بار ئادەم پەقەت بىرلا، شۇڭا قوڭغۇراق چېلىنىشى بىلەنلا، بىنانىڭ ئاستىدىكى پىدائىيلار كىمنىڭ چاقىرغانلىقىنى بىلىدۇ.»

  جاڭ جيې مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە، مەھەللە ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار، يېشى چوڭ ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەر توپىغا تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇق قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن «تەتۈر يۆنىلىشلىك ئىشىك قوڭغۇرىقى» ئورنىتىپ بەردۇق، مەھەللە پىدائىيلىرى دەل ۋاقتىدا ياشانغانلارنىڭ ئېھيىتاجىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنى ھەر خىل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ياشانغانلارغا «مۇھەببەت»نىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.

  «مەھەللە كادىرلىرى ۋە پىدائىيلار ئىزچىل مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ئەمما مەن يان تېلېفون ئىشلىتىشنى بىلمىگەچكە، كۆكتات ۋە دورا سېتىۋالغاندا پەسكە چۈشۈپ ئۇلارنى ئىزدەيمەن، مېنىڭ پۇتۇم ئاغرىيدۇ، شۇڭا يول يۈرۈشۈم قولايسىز، بۇ قوڭغۇراق ھەقىقەتەن بەك قولايلىق.» ۋاڭ ئەييۈن مىننەتدار بولغان ھالدا شۇنداق دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى