تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇكەممەل تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىن يىغىنى ئاچتى

مۇكەممەل تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىن يىغىنى ئاچتى. يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم تۇيۇقسىز تارقالدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك، تارقىلىشى تېز، كېسەل پەيدا قىلىشى يوشۇرۇن. بۇنىڭدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرىنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ۋاقىت - مەزگىلگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇكەممەل تەييارلىق ئارقىلىق كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ، ئېنىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئېنىقسىز ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە ھەرگىز مۇۋەپپەقىيەتتىن سۆز ئاچماسلىق كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قويۇپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭ «قاراۋۇل»لۇق، ئالدىن تەكشۈرۈش، تۈرگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئىلغاپ تەكشۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچۇر مەلۇم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، يۇقۇم خەۋپ - خەتىرىگە تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى، تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭىتىپ، نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلارنى تەكشۈرۈش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى يوچۇقلارنى ھەقىقىي ئېتىش كېرەك. قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەرتىپىنى چىڭىتىپ، خادىملارنى تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭىتىپ، ئاغرىقلارنى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا، دوختۇر - سېسترالارنىڭ يۇقۇملانماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، «تۆت تەرەپ» مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، ياڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ