تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭىلىق يارىتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتەيلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

«ھازىر جۇڭگو ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى، سانائەت كۈچلۈك دۆلىتى بولۇشتىن ئىبارەت تېخىمۇ يۇقىرى نىشانغا قاراپ تەرەققىي قىلىشتا، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەگىم يولدا يانداپ ئۆتۈپ كېتىشى كېرەك.» يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ جىلىندا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا يەنە بىر قېتىم ئېنىق نىشان - تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشىنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

ياسىمىچىلىق ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۇل تاش، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ياسىمىچىلىقتا تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرىنى خاس ئەۋزەللىك قىلغان جابدۇق ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى، جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسى ۋەكىللىكىدىكى بىر تۈركۈم تايانچ ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى دۆلەت ئىچى - سىرتىدا بەلگىلىك تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ھازىرلىدى، بىر تۈركۈم ئىلغار ياسىمىچىلىق تېخنىكىسى ساھە ئېگىزلىك نۇقتىسىنى ئىگىلىدى، ئۈرۈمچى، سانجى، قاراماي، قومۇل قاتارلىق يەتتە ياسىمىچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ ياسىمىچىلىقتا كۆلىمى كىچىكرەك بولۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياسىمىچىلىقتا تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشتە، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك.

يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ياسىمىچىلىقتا تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشنى ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ياسىمىچىلىق، بولۇپمۇ جابدۇق ياسىمىچىلىقى دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشكە پايدىلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ياسىمىچىلىقتا تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تېخىمۇ تەمىنلەيدۇ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ياسىمىچىلىقنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى زورايتىشتا شىنجاڭنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتا، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلار بولۇپمۇ تايانچ كارخانىلارنى يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىلھام بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى چۆرىدەپ، ياسىمىچىلىق بولۇپمۇ جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىدا مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم، زور تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى تاماملاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتا، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئۈنۈم ئېففېكتىنى كۈچەپ يارىتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۈركۈم ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركەزلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، قۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان ئورتاقلىققا ئىگە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا كۈچەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، بىيو تېببىي دورىگەرلىك، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىچە كەسىپلەر توپلاشقان رايون، ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈپ، ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇشتا، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىدىن پايدىلىنىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، مېتاللورگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ مۇھىم، زور تېخنىكىلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياسىمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

«دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن بايلىق يارىتىش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىش، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ كاتتا تۆھپە.» ياسىمىچىلىقتا تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاچقۇچى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش - ئاشۇرالماسلىقتا. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ