تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سەمىمىيلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىدۇ

فەن خۇڭيى

7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»دە «كۆرۈشۈپ باقمىغان بىر جۈپ سودا ھەمراھى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلىندى، ئەركىن جېلىل بىلەن دۇ لۇڭخەي ئىككىيلەننىڭ «ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان تۇنجى سودا»دىن تارتىپ «ئۆمۈرلۈك دوست بولۇش»قىچە بولغان ھېكايىسى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. «مەن ئەسكەرتىپ قويۇش مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلماپتىمەن، مېۋىنىڭ سېسىپ كېتىشىدە مېنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىم بار، بۇ پۇلنى ئالمايمەن»، تۆت يىل ئىلگىرى، ئەركىننىڭ پوزىتسىيەسى كىشىلەرنىڭ بۇ شىنجاڭلىق «ئوغۇل بالا»غا بولغان ھۆرمىتىنى قوزغىغان، دۇ لۇڭخەينىڭ ئامال قىلىپ مال پۇلىنى ئەركىنگە ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا بۇ ئەركەكنىڭ كۆڭلى - كۆكسىنىڭ كەڭلىكىنى ماختاشقانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەركىن بىلەن دۇ لۇڭخەي سودىدىكى ئىشەنچلىك ياخشى ھەمراھلاردىن، تۇرمۇشتىكى ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇپ قالدى.

ئەركىن بىلەن دۇ لۇڭخەينىڭ ھېكايىسىنىڭ تەسىرلىك يېرى شۇكى، ئۇلار گەرچە ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولسىمۇ، يەنە كېلىپ بىر - بىرىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ، ئەزەلدىن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئاكا - ئۇكىدەك قېرىنداشلاردىن بولۇپ قالدى. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇ ئىككىسىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئورتاق بىر يارقىن نۇقتا − سەمىمىيەت بار.

سەمىمىيەت تىجارەتنىڭ جېنى، شۇنداقلا ئادىمىيلىكنىڭ ئاساسى. بۇ خىل ئېسىل پەزىلەت ئەركىن بىلەن دۇ لۇڭخەينىڭ ۋۇجۇدىدا تولۇق نامايان بولدى. ئەركىن بىلەن دۇ لۇڭخەي سەمىمىي دوست بولۇپ، سودىسى بارغانسېرى قىزىپ كەتتى؛ شۇنداقلا سەمىمىيلىك بىلەن بىر - بىرىگە ياردەم بېرىپ، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، يەنە بىر تەرەپ دەرھال ياردەم قولىنى سۇندى. ئۆتكەن يىلى، ئەركىن بېغىنى كېڭەيتمەكچى بولغاندا، مەبلەغ قىس بولۇپ قالدى، دۇ لۇڭخەي بۇنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال 100 مىڭ يۈەن ئەۋەتىپ بەردى. ئورتاق سودىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلگەندە، ئىككىيلەن يەنە تالىشىپ زىياننى ئۈستىگە ئالدى. سەمىمىيلىك بولغاندىلا، ئاندىن قىلچە ئايانمايدىغان ئىشەنچ ۋە قىلچە ئىككىلەنمەيدىغان ياردەم بولىدۇ. سەمىمىيەت مىللەت ئايرىمايدۇ، رايون ئايرىمايدۇ، يىراق - يېقىن دەپ ئايرىمايدۇ، پەقەت كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە سەمىمىي بولسىڭىزلا، چوقۇم جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز.

جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە، سەمىمىيەت مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇقىنىڭ ئاساسى. ئەركىن بىلەن دۇ لۇڭخەي ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان، سەمىمىيەت ئىككىسىنىڭ قەلبىنى بىر - بىرىگە چىڭ باغلىغان، ئۇلار ھەر كۈنى دېگۈدەك تېلېفونلىشىپ، سودىدىكى ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، شۇنداقلا ھال - ئەھۋال سورىشىپ، قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزىدۇ. دۇ لۇڭخەي مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر دوست بولىمەن.» قېرىنداشلار بىر نىيەتتە بولسا، ھەرقانداق ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، بۇ گەپنى ئىنچىكە ئويلاپ باقساق، ئادەم بىلەن ئادەم بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك بىر نىيەتتە ھەمكارلاشسا، بۇ دۇنيادا يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق دېگەن گەپ ئەمەسمۇ؟

سەمىمىيەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى، ئۇ ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنى ۋە جەمئىيەت ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ سەمىمىيەت ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا سىغدۇرۇش، ئۆزئارا زوقلىنىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەملىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاتالىزاتورى، ئۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تېخىمۇ جۇلالىق ئېچىلدۇرىدۇ. ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار بىر - بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلسا، كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشەلەيدۇ، ئومۇميۈزلۈك پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلالايدۇ، بىز شۇندىلا ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ