7-ئاينىڭ 27-كۈنى، بۈگۈر ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە چېدىر يېزىسى دوسمەت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى(ئوڭدا) كەنت ئاھالىسى تۇنساگۈل مامۇتقا ياردەملىشىپ شوخلا ئۈزمەكتە.
7-ئايدىن بۇيان، بۈگۈر ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە چېدىر يېزىسى دوسمەت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پارتىيەلىك كادىرلارنى تەشكىللەپ، دېھقانلارغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىختىيارىي ھالدا ئۈزۈشۈپ بېرىش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، توردا سېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردى. پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان 2.6 توننا كۆكتات سېتىلىپ، 32 ئائىلىلىك نامرات ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلدى.(شۈي خۇيلۇڭ فوتوسى)
بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى