تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئويلاپمۇ باقماپتىمىز! كىچىككىنە نان چوڭ كەسىپكە ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياڭ شۇخەن، جاڭ جىلى، ۋاڭ جېن، ئەن شىيۈ، جانبولات ماناربېك

يەرگىچە تۇتاشقان يورۇق دېرىزە، بىرتۇتاش خىزمەت كىيىمى، رەتلىك مەشغۇلات سۇپىسى، تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان يېڭى تىپتىكى تونۇر، ھالقىمۇھالقا گىرەلىشىپ كەتكەن ئىشلەپچىقىرىش ئىش تەرتىپى... ئەگەر ئۆزى مۇشۇ يەردە بولمىغان بولسا، ئادىلجان سادىق ئىلگىرىكى قويۇق ئىس - تۈتەك ئىچىدە، چىلىق - چىلىق تەرلەپ كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كەتكەن ھالدا نان ياقىدىغان تۇرمۇشىنىڭ ھازىرقىدەك بۇنداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

ئادىلجان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى تېرىم يېزىسى بەخت كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەت تەسىراتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئەنئەنىۋى مەنىدىكى مەززىلىك تائامدىن زامانىۋى مەنىدىكى كەسىپكىچە، كىچىككىنە نان بىر مەيدان مىسلى كۆرۈلمىگەن كەسىپلەشتۈرۈش ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

كىچىك تونۇردىن توپلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقىچە

7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولغان ناۋايخانىدا نان يۈزىگە چەكگۈچ چېكىشكە مەسئۇل ئابلىز ئەلى تەييار بولغان خېمىر ناننى بوشلۇققا ئاتتى، بوشلۇقتا تولىمۇ نەپىس بىر ئەگىم سىزىق پەيدا بولدى، ئادىلجان قولىنى كۆتۈرۈپلا خېمىر ناننى تۇتۇۋېلىپ، ئۈستىگە پىياز توغرالمىسى سۈرتۈپ، تونۇرغا يەنە بىر قېتىم ئېڭىشىپ، ناننى تونۇرغا ئەپچىللىك بىلەن ياقتى.

«ئويلاپمۇ باقماپتىمىز، ئويلاپمۇ باقماپتىمىز!» دېدى ئادىلجان.

دېھقاندىن كەسىپ ئىشچىسىغىچە، يەرلىك تونۇردىن زامانىۋى تونۇرغىچە، سەزگۈسىگە ئاساسەن ئوت ئەھۋالىنى ئىگىلەشتىن ھارارىتىنى دەل كونترول قىلىشقىچە، ئادەتتىكى ئۇندىن نان يېقىشقا ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس ئۇنغىچە، بىرلا خىل تۈردىكى ناندىن ھەر خىل قۇۋۋەت نانلىرىغىچە، ئىشىك ئالدىدا سېتىشتىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈزلەندۈرۈشكىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئادىلجان «ئويلاپمۇ باقمىغانىدى».

رەتلىك سېلىنغان 400 تونۇردا ھەر كۈنى 100 نەچچە خىل تۈردىكى نان يېقىلاتتى، ئارقا - ئارقىدىن كېلىۋاتقان زاكازلار 1000دىن ئارتۇق ناۋاي ئۇستامنى ئورتاق كەسىپكە ئىگە قىلغانىدى، بۇنداق چوڭ مەنزىرىنىمۇ ئادىلجان «ئويلاپ باقمىغانىدى».

2018 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز نانچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ خاسلىقىغا ئىگە نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نانچىلىق كەسپى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، سانجى، تۇرپاندىن ئىبارەت بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىلا نان پىششىقلاش كارخانىسى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 300 نەچچىسى بار ئىكەن، كۈنىگە تەخمىنەن 650 توننا نان ئىشلەپچىقىرىلىدىغان، تۈرى 175 خىلدىن ئاشىدىغان بولۇپ، نانچىلىق كەسپىنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەنگەن.

پارچە سېتىشتىن سۈپەتلىك ماركا تىجارىتىگىچە

جۇش ئۇرۇپ گۈللىنىۋاتقان نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى ۋە چوڭ - كىچىك كوچىلارغا تارقالغان ناۋايخانىلار شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاس ئاساسلىق يېمەكلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئارقىلىق، شىنجاڭ نانلىرىنىڭ تۈرى كۈنسېرى موللاشتى، بۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سېتىش كۆلىمىنى زورايتىپ، بازار دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، نىلقا ناھىيەسى بىنەم ئۇنىدىن يېقىلغان بىنەم نانلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى؛ پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى تەتقىق قىلىپ ئاچقان زىشۇ نېنى ۋە چىلان نېنى ئىچكىرى رايونلاردىكى سودىگەرلەرنىڭ كەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى...

نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ نان مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرگە سېتىلدى، 47 كارخانىنىڭ نان مەھسۇلاتلىرى ئايروپىلان، ئوق پويىزغا چىقىرىلدى. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋە چېگرا پورتلىرىغا تايىنىپ، شىنجاڭ خاس نان مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەت ئەل بازىرىنى پائال كېڭەيتتى. بۇ يىلدىن بۇيان، بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلار جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق قازاقىستان، پاكىستانغا 20 مىڭدىن ئارتۇق نان ئېكسپورت قىلدى.

ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى ۋە سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى نان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ سۈپەتلىك ماركا ئېڭى تەدرىجىي كۈچەيدى. بۈگۈنكى كۈندە «ئابلاجان نانلىرى» «نان بەگ» «ماي گۈلى» «شىنجاڭ توقىچى» قاتارلىق بارغانسېرى كۆپ نان سۈپەت ماركىلىرى كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى، ئىلگىرىكى چوڭ نان، گىردە نانلار نەپىس كىچىك توقاچ، يۆبىڭ نان قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتماقتا.

ناۋايخانىدىن ساياھەت يەر بەلگىسىگىچە

سۈپەتلىك ماركا ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. نانچىلىق كەسپىنىڭ ئۇن سۈپىتىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، يۇقىرى ئېقىندىكى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ بارلىققا كەلدى.

7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي ئېتىزلىرى ۋە موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان بىرلەشمە كومبايىنلارغا قاراپ، گۇچۇڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لۇ جيەنگې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ئاساسلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇچۇڭ ناھىيەسى ھەر ئايدا تەمىنلەيدىغان نان يېقىشقا ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس ئۇن 140 توننىغا يەتتى. شىنجاڭ تىيانشان ئۇنى (گۇرۇھ) گۇچۇڭ چەكلىك شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا بۇ كارخانىنىڭ نان يېقىش ئۇنىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن %30 ئاشقان.

قەشقەر ۋىلايىتى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداي يېڭى سورتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئۇن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن 157نى كىرگۈزۈپ، يېتىشتۈرۈپ، خاس نان مەھسۇلاتىنى مۇقىم، ئەلا سۈپەتلىك خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى.

ئېتىزلىقتىن تاماق ئۈستىلىگىچە، كىچىككىنە نان ھەممىگە تەسىر كۆرسەتتى، ناننىڭ تۈرتكىسىدە 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى.

«كوپىراتىپىمىزدىكى كالا سۈتى، سىڭلىم تىجارەت قىلىۋاتقان قۇرۇق مېۋە دۇكىنىدىكى مىخوۋتاۋ قېقى، بادام، چىلانلار ھەر كۈنى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ!» دېدى ئۇزاقتىن بۇيان نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنى كالا سۈتى، قايماق ھەمدە قۇرۇق مېۋە بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان مەمەت غوپۇر خۇشال ھالدا.

ھەرقايسى جايلاردىكى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىلىرىنىڭ تىجارەت تۈرلىرىدىمۇ ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى مەدەنىيەتنى ئاساس قىلىپ، سانائەت، مەدەنىيەت، ساياھەت، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق فۇنكسىيەلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈردى؛ پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى نان مەدەنىيىتىگە تايىنىپ، مۇكەممەل بولغان خاس ساياھەت لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى؛ ئاقسۇ شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت خاس كەسىپلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

نانچىلىق كەسىپلەر باغچىلىرى تەدرىجىي ھالدا نوقۇل ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىن ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان ساياھەت يەر بەلگىسىگە ھەمدە خاس مەدەنىيەتنى ھېس قىلدۇرىدىغان يېڭى بوشلۇققا ئايلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ