تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر شيې شىمىن خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى جېمىنەي ناھىيەسىدىكى يايلاق تاش شەھىرىنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مەنزىرىسى. 7-ئايدىكى تومۇز يازدا، جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ يايلاق تاش شەھىرى مەنزىرە رايونىدا رەڭگارەڭ تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، غەلىتە تاشلارغا ھەمراھ بولۇپ، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر ئۈستىدە قوي-كالىلار توپ-توپ بولۇشۇپ ئوتلاپ، كۆپكۆك ئاسماندا بۈركۈتلەر پەرۋاز قىلىپ، بۇ جىمجىت يايلاق بىلەن بىللە بىر پارچە سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى.