تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئاممىغا تايىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئاممىغا تايىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى بالۇ مەھەللىسى كوئېنلۇن ئولتۇراق رايونى ۋە تىيانشان رايونى رىگۇاڭ مەھەللىسى رىگۇاڭ ئولتۇراق رايونىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە مەھەللىلەرنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش ۋە ئاممىنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

كوئېنلۇن ئولتۇراق رايونى ۋە رىگۇاڭ ئولتۇراق رايونىدا، شۆھرەت زاكىر مەھەللە كادىرلىرى، مەھەللە پىدائىيلىرى، مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت خادىملىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. رىگۇاڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خەن چىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلدىلا ئىكەنلىكىنى، ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان رىگۇاڭ ئولتۇراق رايونىنى پەقەت بىر يول ئايرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭ ئىزچىل خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولالمىغانلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: مەھەللە كادىرلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى، كەڭ مەھەللە كادىرلىرىدىن ھال سورايمەن ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇ كەڭ مەھەللە كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش، چوڭ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇش، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

شۆھرەت زاكىر مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئاممىنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالى، مال باھاسى ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەھەللىلەرنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويغاندا، كېسەللىك مەنبەسىنىڭ مەھەللە ئىچى ۋە سىرتىدا تارقىلىشى، كېڭىيىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى مەھەللىلەرگە تايىنىشتا. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەر قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، قاتتىق كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەھەللىلەرنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى تۈگىتىپ، بارلىق مەھەللىلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇستەھكەم قورغانغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەھەللىلەرنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى، مەھەللىلەر ئىنچىكە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ماددىي ئەشيالارغا كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، كۆكتات، مېۋە - چېۋە، گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، كاپالەتلەندۈرۈش، تەمىنلەشنى كۈچەيتىشى، بازار تەمىناتىنىڭ تولۇق بولۇشى، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاممىغا قارىتا پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەڭ ئاممىغا يېقىندىن تايىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: مەھەللە پىدائىيلىرى ئامما ئارىسىدىن كەلگەن، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا. كەڭ مەھەللە پىدائىيلىرىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئەنئەنىۋى تاراتقۇ ۋە يېڭى تاراتقۇ تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرى ۋە تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا تەشۋىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەريانىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، جەمئىيەتتە ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: كەڭ كادىرلار، ئامما شۇنىڭغا چوقۇم قەتئىي ئىشىنىشى كېرەككى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ زىچ ھەمكارلىقى، كەڭ ئاممىنىڭ چۈشىنىشى، قوللىشى ۋە ماسلىشىشى بىلەن، بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ