تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ خۈيمېي، ليۇ چىن خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، مۇخبىر شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى تۇغچى يېزىسى باش ئاچما كەنتىدىكى سەبدەگۈل ئۆستۈرۈش ئېتىزىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەبدەگۈل ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ھازىر دەل سەبدەگۈل ئېچىلغان مەزگىل، تۇغچى يېزىسىدىكى ئالتۇن رەڭلىك سەبدەگۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان بولۇپ، بۇ گۈللەر ئېتىزلىققا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىمنى ئاشۇرىدىغان بېيىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلىدى.
كەنت ئاھالىسى خاسىيەت تۇرسۇن بۇلتۇر 1.5 مو يەرگە سەبدەگۈل تېرىپ، 4000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ بۇ يىل يەنە تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ياڭاق ئېتىزىغا ئۈچ مو سەبدەگۈل تېرىدى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، سەبدەگۈل ناھايىتى ياخشى ئۆسۈپ، بۇ يىل يەنە مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد تۇغۇلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇغچى يېزىسى يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، كىرىمنى كۆپەيتىش يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، دېھقانلارنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، دەۋرىيلىكى قىسقا، ئۈنۈمى يۇقىرى ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
تۇغچى يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى تاڭ يابو مۇنداق دېدى: «يېزىمىز بۇ يىل كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى، يېزا بويىچە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى ئۆزگىچە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن سەبدەگۈل، جاڭدۇ قاتارلىقلارنى تېرىدى. ھازىر زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولۇپ، دېھقانلار ئارقا-ئارقىدىن سېتىۋاتىدۇ. بۇ تەدبىر يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يانچۇقىنى تومپايتتى».