تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامرات ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا «ئالتۇن تاۋاق»قا ئىگە قىلايلى

شۈ چىڭگۇاڭ

«ئىلگىرى بالا كىچىك بولغاچقا سىرتقا چىقالمايتتىم، ھازىر ياخشى بولدى، كەنتتە ئىشچى بولدۇم، يەنە تېخنىكا ئۆگىنىۋالدىم.» خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى غەجەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۇئايشەم ئىمىن نۇرغۇن نامرات ئاممىنىڭ قەلبىدىكى بەخت تۇيغۇسىنى ئىپادىلىدى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ئەگىشىپ، نامراتلارنى يۆلەش سېخى، نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتى قاتارلىق «يېڭى شەيئى»لەر نۇرغۇن يېزا - كەنتكە كىرىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا «ئالتۇن تاۋاق»قا ئىگە بولۇشتەك ئاددىي ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «يۇرتداشلار ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشسا، گەرچە كىرىمى شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغاندىكىدەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ياتاق، تاماق، قاتناش قاتارلىق خىراجەتلەرنى تېجەپ قالالايدۇ. يەنە ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالالايدۇ، بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.» ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشسا، نامرات ئامما ئائىلىسى، ئېتىزى، زاۋۇتقا دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى، نەزەر دائىرىسى، تەپەككۇرى، مەدەنىيلىك ئېڭى قاتارلىقلارمۇ تەدرىجىي ئۆزگىرىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن، ئۇزاق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، نامرات ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشۇشقا پايدىلىق، يېزا ئىستىلى مەدەنىيلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش كەسىپلەرنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشىغا موھتاج. كەسىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە بولىدۇ. نانچىلىق كەسپىنى بەرپا قىلىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە، ئېلېكتىرونلۇق قۇراشتۇرۇش، ئاياغ تىكىش، باش كىيىم تىكىش قاتارلىق «كىچىك، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان، ئەپچىل» كارخانىلارنى كىرگۈزۈشتىن، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش، سۇنى قوغداش، يول ئاسراش قاتارلىق ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورۇنلىرىنى ئېچىشقىچە... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كەسىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ماس قەدەملىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، رەقەم يېڭى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشياسىغا ئايلانغان، يان تېلېفون يېڭى دېھقانچىلىق سايمىنىغا ئايلانغان، بىۋاسىتە كۆرسىتىش يېڭى دېھقانچىلىق ئىشىغا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى نامرات ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پەن - تېخنىكا تۈسى قوشۇپلا قالماي، يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يېپيېڭى بوشلۇق ئاچتى. شارائىت يارىتىپ، مۇھىتنى ياخشىلاپ، بىرلا خىل كەسىپ تەرەققىيات يولىنى بۇزۇپ تاشلاپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنى تەڭ ئىلگىرى سۈرگەندىلا، «ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش»نى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تىرەككە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ھۆكۈمەتنىڭ سىجىل يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىشىغا موھتاج. ئاممىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان زاۋۇت، سېخلارغا قارىتا، قانداق قىلغاندا تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى، بازار ئېڭى، پايدا ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ زاۋۇتقا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئاممىغا قارىتا، قانداق قىلغاندا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتكىلى، تەرەققىيات پۇرسىتى بەرگىلى، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تايىنىدىغان ئاممىغا قارىتا، قانداق قىلغاندا ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى، ئەشيا ئوبوروتى سۈرئىتىنى ئاشۇرغىلى، كەنتلەرگە كىرىش، ئائىلىلەرگە كىرىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ؛ يېزا - كەنت ساياھىتى ۋە پۇقراۋى قونالغۇ كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاممىغا قارىتا، قانداق قىلغاندا كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى «ئۆيىگە قايتقان»دەك گۈزەل تەسىراتقا ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ... ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كەشتە تىكىش ماھارىتىنى ياخشى ئىشقا سېلىپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، سىياسەتتە ئېتىبار بېرىشنى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە قىلغاندىلا، «ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش»نى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تارىخ ۋە ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

«بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ». كىچىكى بىر ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىن چوڭى بىر دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغىچە، ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلەش ۋە كۈرەش قىلىش ئاساسىدا بەرپا قىلىنغان. نامرات ئامما «جاپاغا چىداپ ئىشلەشكە رازىكى، جاپالىق ئۆتۈشنى خالىماسلىق»تەك ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى تۇرغۇزغاندىلا، «ئالتۇن تاۋاق»نى مەھكەم تۇتۇپ تۇرالايدۇ، مۇقىم تۇتۇپ تۇرالايدۇ، «ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش» بەخت دەرۋازىسىنى ئاچالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ