تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ روچى خەۋەر قىلىدۇ): 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلىلىك CBA مۇسابىقىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى دائىمىي مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى سۇجوۋ كېندىيا ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. نەتىجىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 70گە قارشى 110 نەتىجە بىلەن سۇجوۋ كېندىيا ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى.
مۇسابىقىدىكى قىزىق نۇقتا: شىنجاڭ كوماندىسى شاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئاساسلىق ماھىرلارنى داۋاملىق چېنىقتۇردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى ماھىر: جوۋ چى، 23 نومۇر ئالغان، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپنى ئالغان، ئۈچ قېتىم نومۇر ئېلىشقا ياردەملەشكەن.
سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسى: پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئىككى نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى %61، ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى %39.1، جازا توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى %52.4 بولدى.
مۇسابىقىلەشكەن ئىككى تەرەپ:
شىنجاڭ كوماندىسى: جوۋ چى، فەن زىمىڭ، تاڭ سەييۈ، چى لىن، شىرئەلىجان.
جياڭسۇ كوماندىسى: خوۋ يىفەن، جاۋ شۈەيجوۋ، خۇاڭ رۇڭچى، ليۇ يۈشۈەن، شى خۇڭفېي.