تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«تىيانشان شياۋگې» تيەنماۋغا چىقتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى گې يوۋجۈن، جاۋ چۇنخۇا، ۋاڭ جېن، جاڭ ئاۋ، لۈ يىخەن

6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تولى تىيانشان شياۋگې يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تىيانشان شياۋگې» دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ نوقۇت تالقىنى پىششىقلاش سېخىدا ماشىنىلار گۈركىرەۋاتاتتى، ئىنچىكە تاللانغان دانە - دانە نوقۇتلار ماشىنىنىڭ بۇ تەرىپىدىن كىرگۈزۈلۈپ، بىر قاتار ئىش ھالقىلىرىدىن ئۆتۈپ، خۇش ھىد چېچىپ تۇرىدىغان نوقۇت تالقىنىغا ئايلىنىپ، ماشىنىنىڭ ئۇ تەرىپىدىن چىقىۋاتاتتى.

ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، بۇ شىركەتنىڭ توردا سېتىش سۇپىسىدا، تيەنماۋ «ئالى ۋاڭۋاڭ»نىڭ تىڭ - تۇڭ قىلغان ئاۋازى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھەربىر قېتىملىق زاكاز قىلىش، زاكاز قوبۇل قىلىشنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، توپ - توپ نوقۇت مەھسۇلاتلىرى بۇ يەردىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىتىلىۋاتاتتى.

«<ۋاڭۋاڭ> سايرىسا تىڭ - تۇڭ قىلىپ، تور سودىمىز كېتىدۇ بەكلا قىزىپ.» تولى تىيانشان شياۋگې يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لى ۋېينىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە تيەنماۋ، جىڭدۇڭغا ئەمدىلا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى «ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن ئۇچرىشىش» ئۇنى ئېلېكتىرونلۇق سودا سېتىش ئەندىزىسىگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە قىپتۇ، شۇنداقلا «تىيانشان شياۋگې»نىڭ سېتىش ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىۋېتىپتۇ.

«تىيانشان شياۋگې» 2019 - يىلى 6 - ئايدا قۇرۇلغان، شىركەت پاكىز ئىسسىق شامال بېسىمىدا پىشۇرۇش، تۆۋەن ھارارەتتە تالقانلاش قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى تېخنولوگىيەگە ئىگە بولۇپ، نوقۇت سۈت تالقىنى، نوقۇت ئۈندۈرمىسى ئوزۇقلۇق تالقىنى، ياغدا پىشۇرۇلغان نوقۇت، ئالتۇن نوقۇت قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈردىكى ئون نەچچە خىل مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئاچقان ھەم يىلىغا 5000 توننا پىششىقلاش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان.

«تولى ناھىيەسىنىڭ ساپ بولغان ھاۋاسى، سۇ مەنبەسى ۋە سۈپىتى ياخشى نوقۇت خام ماتېرىيالى بىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات يارىتىشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى» دېدى لى ۋېي.

2017 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تولى ناھىيەسىنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلدى. لېكىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈشتە، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل ئىدى. «تىيانشان شياۋگې» شۇ جايدا زاۋۇت قۇرۇپ، شۇ جايدىكى 22 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 12سى بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە تولى ناھىيەسى، دۆربىلجىن ناھىيەسى ۋە چۆچەك شەھىرىنىڭ 30 مىڭ مو يەرگە نوقۇت تېرىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇ ئارقىلىق 1000دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى كىرىمىنى ئاشۇردى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، «تىيانشان شياۋگې» شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا ساراي، تاللا بازارلىرىغا كىرىپ سېتىپ، بىرمەھەل تولى ناھىيەسىنىڭ خاس ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى. ئەمما تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بۇ خىل ئەنئەنىۋى سېتىش ئەندىزىسىنى بىرمەھەل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. سېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى قانداق ئېچىش كېرەك؟

«تىيانشان شياۋگې» زاۋۇت رايونىنىڭ يېنىدا، تولى ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزى بار ئىدى. دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تولى ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى بىرقەدەر كەڭ ئومۇملاشتۇردى ۋە قوللاندى. بۇلتۇر 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، تولى ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزى توردا ئالقىشلانغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆمىكى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، «دىكتور + ھاكىم تونۇشتۇرۇش» شەكلىنى قوللىنىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى قۇرۇتۇلغان كالا گۆشىنى ۋاكالىتەن تونۇشتۇردى، سېتىش سوممىسى 960 مىڭ يۈەن بولدى، بۇ، لى ۋېيدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

«تيەنماۋغا چىقايلى!» بۇ يىل ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، «تىيانشان شياۋگې» دەرھال شۇنداق قارار قىلدى. ئەلۋەتتە، ئۇ ئېيتقان «تيەنماۋ» بەزى مۇھىم ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىغا ۋەكىللىك قىلاتتى.

6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى «تىيانشان شياۋگې» ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق مال ساتقان 10 - كۈنى بولۇپ، جەمئىي 200دىن ئارتۇق زاكازغا 100 مىڭ يۈەنلىكتىن ئارتۇق مال ساتتى. گەرچە مىقدارى ئازراق بولسىمۇ، لېكىن «تىيانشان شياۋگې»غا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش ئىدى.

7 - ئاينىڭ 24 - كۈنىگە كەلگەندە، «تىيانشان شياۋگې» مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا سېتىلىشى جەمئىي 2000 زاكازغا كۆپىيىپ، 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ھازىرغىچە توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىلىش سوممىسى 1 مىليون 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى. لى ۋېي مۇنداق دېدى: ئېلېكتىرونلۇق سودا «تىيانشان شياۋگې»نىڭ تىجارەت ئەندىزىسىنى قايتا قۇردى، سېتىش مىقدارىمىز ئاشتى، تېخىمۇ مۇھىمى، سۈپەتلىك ماركىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

«توردا ۋە تور سىرتىدا تەڭ كۈچ چىقىرىپ، <تىيانشان شياۋگې> ئىككى قانىتىنى تەڭ قېقىپ پەرۋاز قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە يۈرۈش قىلىدۇ» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى