تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 18دە، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئۈرۈمچى مائارىپ تورى ئارقىلىق 1-تۈركۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرەلەيدىكەن، 2-تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 18دە سۈرۈشتۈرەلەيدىكەن.
2020-يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىدا، تەنتەربىيە نەتىجىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان شەرت ئاستىدا، قوبۇل قىلىش نەتىجىسى بويىچە ئىستاتىستىكىلىغاندا، 700دىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار 356 ئادەم، 699.5~600كىچە نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچىلار 7962 ئادەم بولۇپ، يۇقىرى نومۇر بۆلىكى شەھەردىكى بارلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىغان بولۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىيات ئۈنۈمى ئومۇميۈزلۈك گەۋدىلىك بولغان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەدەنىيەت دەرسلىكىنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى 2019-يىلىدىكىگە قارىغاندا 10 نومۇردىن 15 نومۇرغىچە ئۆرلىگەن.
بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 33 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتناشتى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە 18 مىڭ 636 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلاندى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى بۇلتۇرقى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشتى. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ نومۇر سىزىقى خىزمىتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئاساسەن، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولدۇرغان ئارزۇ ۋە قوبۇل قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئارخىپ چىقىرىدۇ.