تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

گەن كېۋېي: ئىمكانىيىتى يەتكۈچە تىرىشتى

گەن كېۋېينىڭ ھايات ۋاقتىدىكى خىزمەت سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى نەننىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر خۇ جيالى) بىر قېتىم شەخسىي 1 - دەرىجىلىك، بىر قېتىم شەخسىي 2 - دەرىجىلىك، تۆت قېتىم شەخسىي 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىش، ئۈچ قېتىم شەخسلەر بويىچە تەقدىرلىنىش، «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى كەسىپنى قەدىرلەش، تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى» «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى»... بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشلىرى ۋە شەرەپلىك ناملاردا قەھرىمان گەن كېۋېينىڭ قان كېچىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغان شانلىق ئىش ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن.

گەن كېۋېي، گۇاڭشى فۇسۈي ناھىيەسىدىن، 1980 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تۇغۇلغان، ھايات ۋاقتىدا نەننىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى ئىدى. 2017 - يىلى 1 - ئايدا، ئۇ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، 4 - ئايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2 - دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن.

ئىمكانىيىتى يەتكۈچە تىرىشىش − گەن كېۋېي ئىلگىرى ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە يازغان بىر جۈملە سۆز. خىزمەتكە كىرىشىپ كەتسىلا، ئۇ ئۆزىنى توختىتالمايتتى. زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى 3 - چوڭ ئەترىتىنىڭ جياۋداۋيۈەنى لياۋ يۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2008 - يىلى، زەھەر ئەتكەسچىسى خۇاڭ XX زەھەر سودىسى قىلىۋاتقاندا ھىيلە ئىشلىتىپ ساقچىلارنىڭ تۇتۇشىدىن قۇتۇلۇپ قالغان. گەن كېۋېي كېيىنكى يىلى بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئاپتوموبىلدا قولغا چۈشۈرگەن نۇرغۇن كارتا ئارقىلىق يىپ ئۇچىنى قېزىپ، ئاخىردا دېلوغا چېتىشلىق 100دىن ئارتۇق ئۇچۇرنى رەتلەپ چىققان.

شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يىلدا، خۇاڭ XX ۋە گۇاڭشىدىكى ئۇنىڭ بىلەن سودىلاشقان، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئالاقە قىلغان دېلوغا چېتىشلىق نەچچە ئون شايكا ئارقا - ئارقىدىن تورغا چۈشكەن. «بۇ نەچچە ئون شايكىنىڭ تورغا چۈشۈپ، 100دىن ئارتۇق دېلونىڭ پاش قىلىنىشى گەن كېۋېينىڭ ئۇچۇرنى سىجىل تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.» لياۋ يۈەن مۇنداق دېدى: «بۇ مەنبەدىن تارقالغان يىپ ئۇچى ۋە رازۋېدكا يۆنىلىشى ھازىرغىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ».

گەن كېۋېينىڭ بەدىنىدە كۆپ قېتىملىق تۇتۇش ھەرىكىتىدە يارىلانغاندا قالغان نۇرغۇن تارتۇق بار. 2013 - يىلى 6 - ئايدىكى بىر قېتىملىق تۇتۇش ھەرىكىتىدە، گەن كېۋېي زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئېتىلىپ بېرىپ، ئاپتوموبىلنىڭ دېرىزىسىدىن قولىنى تىقىپ ئاچقۇچنى تارتىپ چىقىرىۋالماقچى بولغان، زەھەر ئەتكەسچىسى ماي كىلاپانىنى كۈچەپ دەسسىگەنلىكتىن، گەن كېۋېي ئون نەچچە مېتىر يەرگىچە سۆرىلىپ بارغان. «بىز ئۇنىڭغا قويۇۋەت دەپ ۋارقىرىدۇق، لېكىن ئۇ يەنىلا قولىنى سوزۇپ ئاپتوموبىلنىڭ ئاچقۇچىنى تارتىپ چىقىرىۋېلىشقا تىرىشتى.» زەھەر چەكلەش تارماق ئەترىتى 4 - چوڭ ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى خۇاڭ شېڭ مۇنداق دېدى: كېيىن گەن كېۋېي يىقىلىپ چۈشتى، ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا چاقى ئۇنى يانداپ ئۆتۈپ كەتتى، «پەقەت نەچچە سانتىمېتىرلا قالدى، ئاپتوموبىل دەسسىۋەتكىلى تاسلا قالدى.» گەن كېۋېينىڭ بۇ تېز ھەرىكىتى خىزمەتداشلىرى ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرۈپ بەرگەن، ئاخىردا زەھەر ئەتكەسچىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتۇلغان، لېكىن ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ بىر تەرىپى ئېغىر دەرىجىدە سۈرۈلۈپ يارىلانغان.

2016 - يىلى جۇڭچيۇ بايرىمىدا، گەن كېۋېي يۇرتىغا قايتىپ ئاتا - ئانىسى بىلەن تاماق يېدى، لېكىن بىر خىزمەت تېلېفونى كېلىپ ئۇ يەنە ئۆيىدىن ئالدىراش ئايرىلدى. ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسى بۇنىڭ ئوغلى بىلەن بىللە يېگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق جەم بولۇش تامىقى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، گەن كېۋېي خىزمەتداشلىرى بىلەن جياڭشىغا بېرىپ، بىر زەھەر دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچلىرىنى توپلاۋاتقاندا، نەننىڭغا يوشۇرۇنۇۋالغان زەھەر ئەتكەسچىلىك شايكىسىنىڭ ئىزىنى بايقىغان. كاماندىروپكىغا چىققان مەزگىلدە، گەن كېۋېي بىرنەچچە قېتىم بېشى ئاغرىسىمۇ يەنىلا خىزمەتنى داۋاملاشتۇرغان، ئەمەلىيەتتە بۇ بەك چارچاپ ھالىدىن كەتكەن بەدىنى بەرگەن «ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» ئىدى. 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، نەننىڭغا قايتىپ كېلىشىگىلا، ئۇنىڭ بېشى قاتتىق ئاغرىغان ھەم ياندۇرغان، ئارقىدىن ھوشىدىن كېتىپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سۇلۇق قاپارتمىسىمان مېڭە ئارتېرىيە ئۆسمىسى ھەم ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە ئاستى بوشلۇقىغا قان چۈشۈش، مېڭىگە سۇ يىغىلىش دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

گەن كېۋېي كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە، ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش نەتىجىسىگە تايىنىپ، بىر كۈچەپلا نەننىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى زەھەر ياساش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، ئون توننا زەھەر ياساش بۇيۇمىنى قولغا چۈشۈرگەن.

بۇ دېلو ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىگەن قەھرىمان غەلىبە پەيتىنى كۆرەلمىگەن. 2017 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، مېڭىسىگە تۇيۇقسىز قان چۈشكەن گەن كېۋېي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ