تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

دولاتى كەنتى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مارشىنى ياڭراتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى گې يوۋجۈن، جاۋ چۇنخۇا، ۋاڭ جېن، جاڭ ئاۋ، لۈ يىخەن

6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلۈشىگە، ئالتاي شەھىرىنىڭ قىزىلتاش بازىرى دولاتى كەنتىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئەتراپىدا قۇشلار چۇرۇلدىشىپ سايراۋاتاتتى.

كەنت ئاھالىسى لەززەت يىمانزادە سۈت كالىسىغا يەم - خەشەك، سۇ بېرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئېرى مۇسرەت باتتال سۈت پونكىتىغا سۈت ئاپىرىپ بەرگىلى ماڭدى.

«كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى، نېمىلا ئىش قىلسام كۆڭۈللۈك ھېس قىلىمەن!» دېدى لەززەت.

سۈت تۇڭى دەل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غەللە ساندۇقى

لەززەت ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، بۇ ئائىلىدىكى ئالتە جان ئىلگىرى ئاساسلىقى يەر تېرىش ۋە پارچە - پۇرات ئىش قىلىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، لەززەت ھۆكۈمەت تارقاتقان نامراتلارنى يۆلەش ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلغا ئۈچ سۈت كالىسى سېتىۋالدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئائىلىسىدە ئۆزگىرىش بولدى. بۇلتۇر كالا بېقىشقا تېرىقچىلىق ۋە ئىشلەمچىلىك كىرىمىنى قوشقاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 80 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇ يىل بېقىۋاتقان كالىسى 13كە يەتتى.

«تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا، بىز يەنە غەيرەت قىلىپ ئىشلىشىمىز كېرەك!» دېدى لەززەت.

شۇ كۈنى سۈت پونكىتىغا يەتكۈزۈلگەن سۈتلەرنىڭ ھەممىسى قوشنا ساياتېرەك كەنتىدىكى ئالتاي قاناس سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ پىششىقلاش سېخىغا توشۇلدى.

«سېخىمىزدىكى بۇ سۈت تۇڭلىرى دەل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غەللە ساندۇقى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەمۇرىي باش نازارەتچىسى ئەن لەنلەن ئوبرازلىق ئوخشىتىپ. ئۇ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز بۇ جايدىكى 800 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق سۈتچى دېھقان بىلەن مەنپەئەتنى باغلاش مېخانىزمى ئورناتتى، ھەر يىلى كارخانىمىز 3300 توننا يېڭى سۈت سېتىۋالىدۇ، دولاتى كەنتىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈتچى دېھقانلارنىڭ سۈتتىن قىلغان ئومۇمىي كىرىمى 10 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

كەنتتىن ئانچە يىراق بولمىغان جاي دەل قىزىلتاش بازىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق باغچىسى بولۇپ، 2000 سۈت كالىسى باققىلى بولىدۇ. دولاتى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مامۇرجان ناقىشباي مۇنداق تونۇشتۇردى: باقمىچىلىق باغچىسى بولغاچقا، كەنتتىكى كالا بېقىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان بىر قىسىم ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر نامراتلارنى يۆلەش سۈت كالىسىنى ھاۋالىلىك باقتۇرۇپ، مۇقىم كىرىم قىلالايدىغان بولدى.

كۆڭۈل قويغان ئادەمگە قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق

دولاتى كەنتىدە 254 ئائىلە، 860 ئاھالە بار، 2017 - يىلى بۇ كەنت نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى. «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش ئىزچىل خىزمىتىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ كەلدى. كالا بېقىش، كۆكتات تېرىش، موگۇ ئۆستۈرۈش، دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىش... كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىدا پەقەت كۆڭۈل قويسا، تىرىشسا، قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دولاتى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى سۈن جىنچاۋ.

2019 - يىلى، قىزىلتاش بازىرى باشلامچى كارخانىلارغا تايىنىپ، دولاتى كەنتىدە موگۇ پارنىكىدىن ئالتىنى سالدى. باشلامچى كارخانىلار زەمبۇرۇغ تاياقچىسى، تېخنىكا، ھوسۇلنى يىغىۋېلىش بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى ھەم تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىپ پايدا تەقسىملەش ۋە قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل، پۈتۈن كەنت بويىچە 17 ئائىلىلىك دېھقان ھويلىسىدا موگۇ ئۆستۈردى. نامرات ئاھالە ئايبولات جۈسۈپ ھازىرقى ئىشىدىن ناھايىتى رازى، «بىر پارنىكنى ئىككى ئادەم باشقۇرىمىز، ھەر ئايدا مۇقىم مائاش ئالالايمىز، بوش ۋاقىتلىرىمىزدا يەنە ئۆيگە قايتىپ قوي - كالىلىرىمىزغا يەم - خەشەك بېرەلەيمىز» دېدى.

كەنت ئاھالىسى گۇ جيېلياڭنىڭ كۆكتاتلىقىدا، ئەر - خوتۇن ئىككىسى كۆڭۈل قويۇپ تېرىغان تۈرلۈك كۆكتاتلار ناھايىتى ياخشى ئۆستى. كۆكتاتلىقنىڭ يېنىدا ئۇ يەنە توخۇ ۋە ئۆردەك باقتى. گۇ جيېلياڭ 2017 - يىلى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھويلىسىدا گۈلسامساقنى سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈپ، شۇ يىلىلا 2000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتى. بۇنىڭغا كۆكتات، توخۇ، ئۆردەك ۋە تۇخۇم سېتىپ قىلغان كىرىمنى قوشقاندا، ھويلا - ئاران كىرىمى 4000 يۈەندىن ئاشتى. سۈن جىنچاۋ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، دولاتى كەنتى ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، كۆكتات مايسىسى، كۆچەت ۋە چۈجە يەتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىبارەت «ئۈچنى يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات تېرىپ، توخۇ بېقىپ، مېۋىلىك دەرەخ تىكىپ، ئائىلە ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە يۆلەك بولدى.

كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىدا تېز يۈگۈرۈش

دولاتى كەنتىدە خۇڭۋېيبېكنىڭ دېھقانلار ئارامگاھىنى سورىسىڭىز، كەنت ئاھالىلىرىدىن بىلمەيدىغىنى يوق.

دولاتى كەنتىدىن جەنۇبقا قاراپ ماڭغاندا، ئالاشەن مەنزىرە رايونى، خۇڭشەنزۇي پورتىغا بارغىلى، شىمالغا قاراپ ماڭغاندا ئالتاي شەھەر رايونىغا بىۋاسىتە بارغىلى بولىدۇ. جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە خۇڭۋېيبېك چارىپ ئائىلىسى دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى.

«ئىلگىرى شارائىت ناچار ئىدى، كىشىلەرنىڭ ئۆيىمىزگە مېھمانغا كېلىشىنى خالىمايتتۇق؛ ھازىر شارائىتىمىز ياخشىلاندى، يەنە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتۇق، مېھمانلارنىڭ كېلىشىنى قارشى ئالىمىز!» دېدى خۇڭۋېيبېك. بۇلتۇر خۇڭۋېيبېكنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر موگۇ ئۆستۈرۈپ، يەر تېرىپ، دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ ۋە كومبايىن ھەيدەپ، ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. ئۇنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇشى بىلەن، بۇ يىل كەنتتىكى دېھقانلار ئارامگاھى تەرەققىي قىلىپ يەتتىگە يەتتى.

«ھازىر دولاتى كەنتىدە بىكار ئادەم يوق، تېرىقچىلىق قىلالايدىغانلىرى تېرىقچىلىق قىلىدۇ، باقمىچىلىق قىلالايدىغانلىرى باقمىچىلىق قىلىدۇ، تىجارەت قىلالايدىغانلىرى تىجارەت قىلىدۇ، ئىشلەمچىلىك قىلالايدىغانلىرى ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىدا تېز يۈگۈرمەكتە» دېدى خۇڭۋېيبېك.

بۇلتۇر دولاتى كەنتىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 11 مىڭ 40 يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 8620 يۈەن بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى