تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى: گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات بىلەن نورمال تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  7-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايون ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقاتتى، سايباغ رايونى ۋە تىيانشان رايونى خەۋپ-خەتەر يۇقىرى رايونغا تەۋە قىلىندى.

  بۇنىڭغا قارىتا سايباغ رايونىنىڭ مۇئاۋىن رايون باشلىقى ما شىنپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، سايباغ رايونى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانغان: بىرىنچى، ئەسلىدە بار بولغان 74 مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ئاساسىدا، 554 ۋاقىتلىق كۆكتات سېتىش نۇقتىسى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىپ، ئولتۇراق رايونلارنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئىككىنچى، ئۈچ بازار (بېييۈەنچۈن، لىڭچىڭ، جىنلياڭيۈەن)، 74 مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى، 320دىن ئارتۇق جەمئىيەتتىكى كۆكتات دۇكىنى، شۇنداقلا دورىخانا، قولايلىق دۇكانلارنىڭ نورمال تىجارەت قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات قاتارلىقلار بىلەن نورمال تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىنغان. ئۈچىنچى، قاراشلىق رايوندىكى 10 چوڭ تىپتىكى تاللا بازىرى توردا سېتىش، تور سىرتىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش شەكلىنى قوللىنىشقا تەشكىللىنىپ، ھەر مىللەت ئاھالە، ئاممىغا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋاقتىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ