تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يول راۋانلاشتى، بەخت داۋاملاشتى

ۋاخان كارىدورىدىكى بىرىنچى كەنت:

يول راۋانلاشتى، بەخت داۋاملاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا

6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سەھەردە، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى دەفتەر يېزىسىنىڭ ئاقجەيلى كەنتىدە، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ قۇياش نۇرىنى كۈتۈۋالغان كەنت ئاھالىسى تۆمۈر رېھىمقۇل ۋە باشقا توققۇز چېگرا قوغدىغۇچى بىرلىكتە سەپ تۈزۈپ، ۋەزىپە تەقسىملەپ، ئاندىن موتوسىكلىت مىنىپ چېگرا چارلاش يولىغا ئاتلاندى. بۇ چېگرا چارلاش يولى داڭلىق ۋاخان كارىدورىنى بويلاپ ياسالغان.

ۋاخان كارىدورى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، راھىب شۈەنزاڭ، سەيياھ ماركو پولو ئىلگىرى بۇ يەردىن ئۆتكەن. بۈگۈنكى كۈندە دەفتەر يېزىسىدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ ماڭغاندا، قاپقارا، يېپيېڭى ئاسفالت يولنى بويلاپ بۇ يەرگە يېتىپ كەلگىلى بولىدۇ. ئاقجەيلى كەنتى ۋاخان كارىدورىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى بىردىنبىر كەنت بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدۇ، بىر كەنت ئۈچ دۆلەتكە قوشنا بولغاچقا، «ۋاخان كارىدورىدىكى بىرىنچى كەنت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تۆمۈر بۇ يىل 58 ياش بولۇپ، ئۇ قارا كۆزەينەك تاقايدۇ، تېرىسى بېغىررەڭ بولۇپ، بۇ، ئېگىزلىكتىكى كۈچلۈك بىنەپشە نۇرى يىل بويى كۆيدۈرگەنلىكىنىڭ ئىزناسى. «مەن ئىككىنچى ئەۋلاد چېگرا قوغدىغۇچى، بىر ئۆمۈر چېگرا چارلىدىم، بۇ يەردىكى ھەربىر تاغ جىلغىسىنى پىششىق بىلىمەن. ھازىر يول ياسالدى، بىزنىڭ چارلىشىمىز كۆپ قولايلاشتى» دېدى ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇخبىرغا.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، تۆمۈرنىڭ دادىسى رېھىمقۇل ئېرگەش كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تۇنجى شۇجىسى بولۇپ، كەنتتىكى ئون نەچچە ئائىلىنى باشلاپ زېمىننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان، يەنە مۇنەۋۋەر چېگرا مۇھاپىزەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن. ئۆيىدە دادىسىنىڭ تەقدىرلەنگەن چاغدىكى سۈرىتى ھازىرغىچە ساقلاقلىق، ئۇ رەڭسىز سۈرەتتە، دادىسى قىرغىز مىللىتىنىڭ قالپىقىنى كىيگەن، پۇتىغا گوجەي يۆگىگەن بولۇپ، قارىماققا ئىنتايىن روھلۇق كۆرۈنەتتى.

تۆمۈرنىڭ دادىسى چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان ئاشۇ يىللاردا، شارائىت جاپالىق، تاغ يولى ئەگرى - بۈگرى بولۇپ، يول مېڭىش تەس ئىدى. تۆمۈرنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، دادىسى دائىم سەھەردە ئات مىنىپ، قوينىغا بىر پارچە ناننى قىستۇرۇپ چىقىپ كەتكىنىچە، تا قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كېلەتتى. بىر قېتىم دادىسى خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىراپ، ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى، نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، تۆمۈرنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتتى، لېكىن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى، تۆمۈرنىڭ ئوغلى، قىزى، كۈيۈئوغلىنىڭ ھەممىسى چېگرا قوغدىغۇچى بولدى. 2019 - يىلى، تۈپتۈز ئاسفالت يول تاغنىڭ ئىچكىرىسىگىچە ياسالدى، چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ قاتناش قورالى ئاتتىن موتوسىكلىتقا ئۆزگەردى. ئەسلىدىكى بىر كۈن مېڭىشقا توغرا كېلىدىغان تاغ يولىدا ھازىر بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا بىر قېتىم چارلىغىلى بولىدىغان بولدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ «يەتتە بىر تۈركۈم» نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرىنىڭ پايدىسىدا، چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ياردەم تولۇقلىمىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئاقجەيلى كەنتىدە 116 ئائىلىلىك 422 كىشى بار بولۇپ، چېگرا قوغدىغۇچىلار پۈتۈن كەنتتىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ %54ىنى ئىگىلەيدۇ، ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك چېگرا قوغدىغۇچى بار.

ئاسفالت يول ئىشىك ئالدىغىچە ياسىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تاشقى دۇنيا بىلەن زىچ باغلىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن پولات توختاسۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ كېلىش ئۈچۈن، ئات مىنىپ ئۈچ - تۆت كۈن مېڭىشقا توغرا كېلەتتى، كەچتە چارۋىچىلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالاتتۇق. ھازىر يول راۋانلاشتى، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا يېتىپ بارالايمىز.

يول راۋانلاشتى، كاللىسى ئېچىلغان كەنت ئاھالىلىرى تېخىمۇ كۆپ تىرىكچىلىك يولىنى ئىزدەشكە باشلىدى. كەنت ئاھالىسى قۇربانئەلى تۇرات ئاۋۋال بىر پىكاپ سېتىۋالدى. يېقىندا يەنە 80 مىڭ يۈەن خەجلەپ بىر يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىپ توشۇش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۆيدىكى 12 قوتاز، 50 تىن ئارتۇق قوينى بېقىشقا ھاۋالە قىلدى. قۇرباننىڭ خوتۇنى چېگرا قوغدىغۇچى، بۇ ئائىلە چېگرا قوغداش ياردەم تولۇقلىمىسى، يۈك توشۇش، باقمىچىلىق قاتارلىقلاردىن قىلىنغان كىرىملەرنى قوشقاندا، بىر يىلدا ئاز دېگەندىمۇ 100 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ.

راۋان بولغىنى پەقەت يوللا ئەمەس. 2019 - يىلى كەنتتە چوڭ تور توكى ئىشلىتىلىپ، ئىلگىرىكى نۇر ئېنېرگىيەسىگە تايىنىپ توك چىقىرىدىغان كۈنلەر ئاخىرلاشتى؛ ھەممە ئائىلىلەر تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان بولۇپ، ئەمدى دەرياغا سۇ ئالغىلى بارمايدىغان بولدى؛ كەڭ بەلباغنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى WIFI ئىشلىتىدىغان بولدى، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېۋىزور كۆرەلەيدىغان بولدى، يەنە توردىن مال سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىۋالدى. «كىيىملىرىم، ئائىلىمىزدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى توردىن سېتىۋالغان، ئەرزان، قولايلىق» دېدى بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى گۈلپەرى مەمەتتۇردى.

ئاقجەيلى كەنتىنىڭ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق ئەنئەنىسى بار، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېگىزلىكتە قوتاز بېقىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلدى، كەنت بويىچە قوتاندا بېقىلىۋاتقان قوتاز 1200دىن ئاشتى. كەنت ئاھالىلىرى بىر تەرەپتىن، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، چارۋا بېقىپ، «قوتازلار توپ - توپ، كۈنلەر باياشات» تۇرمۇش كەچۈردى. 2018 - يىلى پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشقا ئاشتى، 2019 - يىلى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 12 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، 30 نەچچە ئائىلە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتوموبىل سېتىۋالدى.

«بۇ يول چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يولى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى، بېيىش يولى بولدى» دېدى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، «بۈيۈك تاڭ راھىبى شۈەنزاڭ ئۆتكەن جاي» دېگەن تاش ئويما ئالدىدا تۇرۇپ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئاقجەيلى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى بەي يۈنزېڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيە كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرى ئۆينىڭ ئالدى - كەينىگە 80 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلدى، ئىلگىرىكى قاقاس ۋاخان كارىدورى يېشىللىققا پۈركەندى.

كۆپكۆك ئاسماندا، چوڭ - چوڭ بۇلۇتلار ئەركىن لەيلەپ يۈرەتتى، شامالدا ئىغاڭلاپ تۇرغان ئېگىزلىك سۆگەتلىرى پامىر ئېگىزلىكىگە چەكسىز يېشىللىق بېغىشلىغانىدى. چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى. بوش ۋاقىتلىرىدا ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدىغان قۇربانئەلى ئۆزى توقۇغان ناخشىنى ئېيتىدۇ: يۇرتىمىز سۈرەتتەك گۈزەللەشتى، بەخت يولىمىز راۋانلاشتى...

پامىر ئېگىزلىكىدە قارلىق تاغلار ھەيۋەتلىك ئىدى. «ۋاخان كارىدورىدىكى بىرىنچى كەنت»نىڭ كەنت ئاھالىلىرى بۇرۇنقىدەكلا چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ، چېگرانى قوغدىماقتا، نامراتلىق ئۇلاردىن يىراقلاپ كەتتى، داغدام يول ئۇلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئاستا - ئاستا ئېچىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ