تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر پارچە «كەسىپ خەرىتىسى»دە ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى ئەكس ئەتتى

سانجى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ كېلىشىم ئىمزالاشتىن پۈتۈشىگىچە پەقەت ئالتە ئاي سەرپ قىلىندى

بىر پارچە «كەسىپ خەرىتىسى»دە ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى ئەكس ئەتتى

[ئىستون سۆزى]

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. «مۇقىم» چوڭ ۋەزىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، «ئىلگىرىلەش» يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «<ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش> <ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىرىنچى سېپىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىز» مەخسۇس ئىستونىنى ئېچىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتقانلىقىغا ئائىت تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى خەۋەر قىلىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گې يوۋجۈن، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ چيەن

7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تاڭ تېخى پۈتۈنلەي يورۇمايلا، لو ۋەنمىڭ ئورنىدىن تۇردى. باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ بىر بۇرجىكىدە سەككىز سۈت كالىسى يەم - خەشەك يەۋاتاتتى. لو ۋەنمىڭنىڭ ئۆيى سانجى شەھىرىنىڭ بىڭخۇ بازىرى ۋۇشىخۇ كەنتىدە. ئۇ ئەتىگەندىلا يېڭى سېغىلغان سۈتنى تۇڭغا، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

«نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا، مەن تېخى سېتىش يولىدىن غەم قىلغانىدىم. ئەمدى ياخشى بولدى، ئىشىك ئالدىمىزدا كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلدى، بىراقلا 500 كىلوگىرام سۈت زاكاز قىلىپ سېتىۋالدى، مەن ھازىرلا ئاپىرىپ بېرىمەن» دېدى ئۇ.

لو ۋەنمىڭ ئېيتقان كەسىپلەر باغچىسى بىڭخۇ بازىرى سودا كوچىسى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، سانجى شەھىرى نۇقتىلىق بەرپا قىلغان نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى. ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگىنىمىزدە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق نان قاقلاپ پىشۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى سىناق تەرىقىسىدە نان ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى، خېمىر بولدۇرۇش، جىڭلاش، خېمىر ئېچىش، تۈكچىلەش، خۇرۇج سېپىشتىن كېيىن، 37 ياشلىق ئوسمانجان سۇخات ئىشداشلىرى بىلەن ئېچىلغان خېمىرنى لېسقا تىزىپ، ئوتتەك قىزىغان تونېلسىمان تونۇرغا ئىتتىرىپ كىرگۈزۈپ پىشۇردى. 15 مىنۇتتىن كېيىن، ئالتۇندەك سارغىيىپ پىشقان نانلار تونۇردىن چىقىرىلىپ، ئوراش - قاچىلاش سېخىغا يۆتكەپ كېتىلدى.

«بۇ تونېلسىمان تونۇرنىڭ ھۈنەر - سەنئىتى ۋە تېمپېراتۇرىسى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر يەرلىك تونۇرغا تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، نان پىشۇرۇش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتى ئۆستۈرۈلگەن. تونۇردىن يېڭى چىققان نان بەك يېيىشلىك، تېتىپ بېقىڭلار!» دېدى بۇ نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنى بەرپا قىلغان شىنجاڭ سىلۇ يۈەنجياڭ نان مەدەنىيىتى كەسپىي چەكلىك شىركىتى كارخانا پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى لو رۇي قىزغىنلىق بىلەن چاقىرىپ.

بىر تۈرنىڭ كېلىشىم ئىمزالانغاندىن تارتىپ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگىچە، قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ «ئالتە ئاي!» لو رۇينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، شېنجېندىن كەلگەن ئۇنىڭغا سانجىنىڭ ئىش بېجىرىش سۈرئىتىنى ھېس قىلدۇرۇپتۇ.

سانجىدىكى ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسىغا جايلاشقان «دەيدېخېن» مەنزىرە نان دۇكىنىدا، دۇكاندار شى فاڭ خېرىدارلارنى كۈتۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «نان دۇكىنىنىڭ ئىجارىسى ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش ھەققى يوق، نان يېقىشىمىز ۋە مال كىرگۈزۈشىمىز ھاجەتسىز، ھەممىسىنى كەسىپلەر باغچىسى بىرتۇتاش تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ھەر كۈنى 300 - 200 يۈەنلىك ساتالايمىز» دېدى شى فاڭ مۇخبىرلارغا. نان دۇكىنىدا نەچچە ئون خىل نان ۋە سامسا سېتىلغاندىن باشقا، كېيىنچە يەنە باشقا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سېتىلسا، كەلگۈسىدە كىرىمى ياخشى بولىدۇ.

لو رۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: سانجى شەھەرلىك ھۆكۈمەت كارخانىنىڭ «دەيدېخېن» تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشىغا ياردەم بەردى. شىركەت 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 100 مەنزىرە نان دۇكىنى بەرپا قىلدى، ئالاقىدار تارماقلار ئۇياق - بۇياققا قاتراپ سودا مەركىزى ۋە چوڭ تىپتىكى ئولتۇراق رايونلاردا ئورۇن تاللاشنى ماسلاشتۇرۇشقا ياردەملەشتى، نۆۋەتتە 38 دۇكان تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى. كەسىپلەر باغچىسى كۈنىگە تۈرلۈك ئۆزگىچە ناندىن 100 مىڭنى پىشۇرالايدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 120 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ، تەخمىنەن 300 ئادەمنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سانجى شەھىرى ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 19 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3 ئەتراپىدا ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 2 - كەسىپنىڭ 5 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، %3.6 ئاشقان؛ 3 - كەسىپنىڭ 13 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، %3.1 ئاشقان.

شىنجاڭ خۇيجيا شىدەي تۈرلۈك ماللار پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرى، سانجى رايونى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى شى يىنلاڭنىڭ قارىشىچە، كەسىپ سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئۇدا ئېشىشى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي تەدبىرلەر بىلەن تىرەك بولۇشى ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدىكەن. بۇ يىل، سانجى شەھىرى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر 20 تۈرلۈك تەدبىر ۋە كارخانىچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشقا دائىر 13 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. خۇيجيا شىدەي سانجى دۇڭفاڭ دۇكىنى تاللا بازىرى 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تىجارەت باشلىدى، سانجى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىنى ۋاقتىدا تارقىتىپ بەردى. يۇقۇمنىڭ سودىگەرلەرگە كەلتۈرىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ خۇيجيا شىدەي قارىمىقىدىكى سانجى رايونىدىكى بارلىق ئىجارە ئالغان سودىگەرلەردىن بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى جەمئىي 60 كۈنلۈك ئىجارە پۇلى ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىپ، سانجى رايونىدىكى تۆت سودا سارايدىكى 1085 ئىجارە ئالغان سودىگەرگە مەنپەئەت يەتكۈزدى، كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان ئومۇمىي سومما 13 مىليون 468 مىڭ 100 يۈەنگە يەتتى.

«بىر كەسىپلەر باغچىسى تەرەققىي قىلىپ بىر كەسىپلەر توپىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. ھازىر سانجى شەھىرى كۆپ يۆنىلىشتىن كۈچەپ، ھەر قايسى كەسىپ زەنجىرلىرىنى چىڭىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز توپلىماقتا.» قولىدىكى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ يىرىك پىلان خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، سانجى شەھەرلىك تىجارەت - سودا مۇھىتى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ جىجۈن مۇنداق دېدى: «ياخشى كەسىپ ياخشى تۈردىن ئايرىلالمايدۇ، ياخشى تۈر ياخشى مۇلازىمەتكە موھتاج، بىز تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ