شۈ چىڭگۇاڭ
ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۇدا كۆرۈلۈشى بىزگە يەنە بىر قېتىم ئاگاھ سىگنالى چالدى. يۇقۇم ئالدىدا، ھەرقانداق بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، جەزمەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاتتىق تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغداش كېرەك.
«جاھاندىكى ئىشلارنى ئىنچىكە قىلىپ، قاتتىق ئىجرا قىلغاندىلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.» يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ تەجرىبىلىرى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش قانۇنىيىتى مۇرەككەپ، يوشۇرۇنۇشچانلىقى كۈچلۈك. ئۆلۈك بۇلۇڭ، قاراڭغۇ رايون بولسىلا، ئۇ ئاستا - ئاستا پەيدا بولىدۇ؛ قايسى ھالقىنىڭ ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلمايدىكەن، ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تارقىلىپ كېڭىيىدۇ. ئىنتايىن ھىيلىگەر بولغان بۇ «ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى»گە قارىتا، ھەر خىل قىيىنچىلىقلار ۋە خەۋپ - خەتەرنى تېخىمۇ ئېغىرراق مۆلچەرلەپ، يوچۇق، مەسىلىلەرنى تېخىمۇ بالدۇرراق بايقاپ، ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ تولۇق تەييارلىغاندىلا، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىپ كېڭىيىشى، يامرىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ.
تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشتىن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقىچە، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىچكى جەھەتتە تارقىلىپ كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن قەتئىي بوشاشماي سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىچە، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش، تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، كودنى تەكشۈرۈش، تىزىملاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەشتىن ئاممىۋى پائالىيەت مەيدان - سورۇنلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەش، تازىلاشقىچە... ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى ھالقىلار ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندىلا، ئاندىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ پۇختا پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.
ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، ۋىرۇس بىلەن ئېلىشىشتا، مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور بولۇپ، سەۋەنلىك سادىر قىلىشقا بولمايدۇ. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، يەنىمۇ قاتتىق، يەنىمۇ ئىنچىكە، يەنىمۇ پۇختا بولۇپ، ۋىرۇسقا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلايلى.
(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)