تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«يېمەك - ئىچمەك» ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىنى ئاچتى

خوتەن كەچلىك بازىرى:

«يېمەك - ئىچمەك» ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىنى ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جىڭ بو، پەرىزات ئابدۇل، زوۋيى، ئەن شىيۈ، يىن تۇڭيۈەن

6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 21لەردە، خوتەن كەچلىك بازىرى (خۇەنخۇ دۇكىنى)دا %90 ئورۇن خېرىدارلار بىلەن تولغانىدى. تازىلىق ئىشچىسى پاتىگۈل تۇرسۇننىياز ئۈستەللەرنى يىغىشتۇرۇپ، يەرنى سۈپۈرۈپ، ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىسىنىڭ كانچى ئېرىق كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، كەنت كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە بىرىنچى قېتىم ئۆيىدىن چىقىپ خوتەن كەچلىك بازىرىغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئايلىق مائاشى 3000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى. «ھەر كۈنى مۇشۇ ۋاقىتتا بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىمەن، ساياھەتچىلەر كۆپ، كىرىمىممۇ يۇقىرى، ئىش قىلغاندا تېخىمۇ كۈچكە تولىمەن» دېدى پاتىگۈل پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتۈپ تۇرۇپ.

پىژىلداپ ئىس چىقىپ تۇرغان يۇلغۇن كاۋىپى، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قوقاس تۇخۇم، يىراق - يېقىنغا داڭلىق خوتەن گۆش گىردىسى، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان باچكا شورپىسى، يەنە شوخ ناخشا - ئۇسسۇللارمۇ بار... خوتەن كەچلىك بازىرىدا سەيلە قىلغىنىڭىزدا، ھەر خىل مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇش ھىدى ئىس - تۈتەكلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئەتراپىڭىزدا ئەگىپ، ئىشتىھايىڭىزنى قوزغايدۇ. شىنجاڭدىكى توردا ئالقىشلانغان چوقۇم بارىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خوتەن كەچلىك بازىرى ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن يېقىملىققىنە قىلىپ «قەتئىي قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان كېچىلىك ئاشخانا» دەپ ئاتالغان.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش، شۇ جاينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، خوتەن كەچلىك بازىرى تەرەققىياتنىڭ دەسلىپىدىلا مۇشۇنداق ئىدىيەنى تىكلىگەن. مەسىلەن، خوتەن كەچلىك بازىرى(خۇەنخۇ دۇكىنى) تاۋارلاشقان، سۈپەتلىك ماركىلاشقان يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ھازىرغا قەدەر ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 75 نامرات ئاھالىنى ئورۇنلاشتۇردى، كارخانا ئۇلارنى پۈتۈن مۇساپىلىك تەربىيەلىدى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلىدى. بۇ نامرات ئاھالىلەرنىڭ بەزىلىرى كەچلىك بازاردا خىزمەتچى خادىم بولدى، بەزىلىرى ھۈنىرىگە تايىنىپ يايما ئاچتى، بىر قىسىملىرىنىڭ ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىغا يەتتى.

سېرىقئاش ساتىدىغان تۇراننىسا مەمتىمىن خوتەن شەھىرىنىڭ تۇساللا بازىرى جامىدا كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، ئىلگىرى بازار كۈنىلا يايما ئاچاتتى، ھازىر مۇقىم يايما ئورنى بار بولدى. «مەن تىرىشىپ پۇل تېپىپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى قولغا كەلتۈرىمەن.» ئۇ بىر تەرەپتىن خېرىدارلارنى كۈتكەچ، مۇخبىرلار بىلەن پاراڭلاشتى.

لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىسىنىڭ ئارىش كەنتىدىن كەلگەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئامىنە سەيدىھاشىم 2019 - يىلى 3 - ئايدا تاۋۇز كاۋاپخانىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى. «بۇ يىل مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن.» ئامىنەنىڭ ئېيتىشىچە، كەچلىك بازار ئۆيىگە يىراق ئەمەسكەن، ھەر كۈنى توكسىكلىت مىنىپ يېرىم سائەتتىلا كېلىدىكەن، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا تەسىر يەتمەيدىكەن. ئۇ بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق تاۋۇز كاۋاپ پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپتۇ. «كەچلىك بازار نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى - يۆلىدى، مەن يەنە ئازراق پۇل يىغسام، ئۆزۈم دۇكان ئاچىمەن.» ئامىنەنىڭ چېھرىدىن ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى چىقىپ تۇراتتى.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، «ئاپتونوم رايوننىڭ كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» چىقىرىلىپ، سۈپەتلىك ماركا يارىتىشنى كۈچەيتىش خىزمىتىدە، «شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار»، «خوتەن كەچلىك بازىرى» قاتارلىق بىر تۈركۈم كېچىلىك ئىقتىساد ۋاسىتىلىرىنى سىرتقا چىقىرىپ، تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا داڭلىق بىر تۈركۈم كېچىلىك ئىقتىساد سۈپەتلىك ماركىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 16 كېچىلىك ئىقتىساد ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى، رايونى تىزىملىكىدە خوتەن كەچلىك بازىرىنىڭمۇ ئىسمى بار.

خوتەن ۋىلايىتى «يېمەكلىك، ساياھەت، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە» قاتارلىق كېچىلىك ئىقتىساد مۇھىم ئامىللىرىنى چۆرىدەپ، خوتەن كەچلىك بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، «سىرتقا چىقىرىش» قەدىمىنى تېزلەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، خوتەن كەچلىك بازىرى خوتەندىن چىقتى، شىنجاڭدىن چىقتى، تيەنجىن شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، ئالتاي شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ماكانلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، شۇ جايدىكى پۇقرالارنى ئىشىك ئالدىدىلا ھەقىقىي خوتەن مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تەگكۈزدى ھەم «خوتەن كەچلىك بازىرى»دىن ئىبارەت بۇ نام كارتىسىنى ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش سۇپىسىغا ئايلاندۇردى.

بۇ يىل 4 - ئايدا، جۇڭگو شۆدۇ خوتەن كەچلىك بازىرى ئالتاي شەھىرىدە تىجارەت باشلىدى، قاراقاش ناھىيەسى جاھانباغ يېزىسىنىڭ بۇلاق كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئالىمجان ئىلھام كەچلىك بازارنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، بۇ يەرگە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، كاۋاپخانىدا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان ئۇ، بىر ئايدا 4000 يۈەن تاپالايدۇ. ئالىمجانغا ئوخشاش بۇ يەرگە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن يەنە 65 كىشى بار، ھەممىسى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا - بازارلىرىدىكى نامرات ئامما.

بۇلتۇر 5 - ئايدا، تيەنجىن شەھىرىنىڭ نىڭخې رايونىدىكى يۈنخې مەززىلىك تائاملار كوچىسى «خوتەن كەچلىك بازىرى»نى كىرگۈزدى، 12 تىجارەتچى كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدىن خەيخې دەرياسى بويىغا كەلدى، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، شىنجاڭنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرى مەززىلىك تائاملار كوچىسىدىكى بىر يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى.

«نېمە ياخشى، شىنجاڭ ياخشى، خوتەننىڭ كەچلىك بازىرى ياخشى...» يېقىملىق ناخشا ساداسىغا جور بولۇپ كەچلىك بازارنى قاپلىغان ئىس - بۇسنىڭ ھىدى تۇرمۇشنىڭ پۇرىقى، شۇنداقلا بەختنىڭ لەززىتى ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى