تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«ئالتۇن جىغان»نى كەڭ ئۆستۈرۈش ياخشى كۈن كەچۈرۈش

ئالتاي ۋىلايىتى جىغان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يولىدا ماڭدى

«ئالتۇن جىغان»نى كەڭ ئۆستۈرۈش ياخشى كۈن كەچۈرۈش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، گې يوۋجۈن، ۋاڭ جېن، لۈ يىخەن، جاڭ ئاۋ

6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، قابا ناھىيەسىنىڭ كۆلباي بازىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە داستان تالغاتبېك ئادەتتىكى كۈنلەرگە ئوخشاش كىچىك ئاپتوموبىلىنى ئوت ئالدۇرۇپ، خوتۇنىنى ئېلىپ ئۆيىدىن يەتتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىنجاڭ كاڭيۈەن بىيوتېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇتىغا ئىشقا ماڭدى. ئۇ ئائىلىسىنىڭ جىغانلىقىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئاپتوموبىلنى توختىتىپ: «بۈگۈن سۇغارساق بولغۇدەك، ئېتىزدىكى <ئالتۇن جىغان>لار قانداق ئۆسۈۋاتىدىكىن، قاراپ باقايلى» دېدى.

كۆز ئالدىدىكى 100 مو ئەتلىك جىغان «شېنچيۇخۇڭ» بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى. ئېگىز شاخلاردا خۇددى سۆگەت يوپۇرمىقىدەك ئىنچىكە ئۆسكەن جىغان يوپۇرماقلىرى قويۇق بولسىمۇ، لېكىن تىرناقتەك چوڭلۇقتىكى غۇچچىدە چۈشكەن ياپيېشىل ئەتلىك جىغانلارنى يوشۇرۇپ قالالمىغانىدى. يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن، داستان ئېيتقان بۇ «ئالتۇن جىغان»لاردىن ھوسۇل ئېلىناتتى.

«يەر ئۈستىدىكى كۈنلۈك، يەر يۈزىدىكى گىلەم، يەر ئاستىدىكى سۇ ساقلاش كۆلچىكى» دەپ تەرىپلىنىدىغان جىغان ئۆزىنىڭ بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رولى ۋە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي قىممىتى بىلەن، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ يېشىل ئېكولوگىيە كەسپى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يولىدا مېڭىشى ئۈچۈن بىر كۆزنەك ئېچىپ بەردى. شۇ جاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىغاننى ئاساس قىلغان شىرنىلىك مېۋە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېزىلارنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇشتا باش ئورۇنغا قويۇپ، كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، جىغان كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتتى.

داستان ئىشلەيدىغان شىنجاڭ كاڭيۈەن بىيوتېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى يىلىغا 10 مىڭ توننا ساپ جىغان بىر تەرەپ قىلىدىغان جىغان مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش كارخانىسى.

«ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ يېتەرلىك قۇياش نۇرى، بىرقەدەر چوڭ بولغان كېچە - كۈندۈزلۈك تېمپېراتۇرا پەرقى، كەڭ شېغىللىق يېرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەلا سۈپەتلىك ئەتلىك جىغان ئۆستۈرۈشنى ياخشى تەبىئىي شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت نۇرغۇن ئېتىبار بېرىش، يۆلەش سىياسىتىنى چىقىرىپ جىغان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، بۇلار يەر ئېلىپ ئىشلىتىش(ئوبوروت قىلىش)، كۆچەت يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مەھسۇلاتنى كېڭەيتىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بىزنى ئالتايدا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى پېڭ جېڭرۇڭ.

2013 - يىلى كاڭيۈەن شىركىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، داستاننىڭ ھەر ئايدا 3500 يۈەن مائاشى بار بولدى، ئاساسلىقى جىغان خام ماتېرىيالىنى يىرىك پىشىشقلاش بىلەن شۇغۇللاندى. ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنىڭ جىغان ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، 2015 - يىلى، داستان شىركەتتىن سورتى ياخشىلانغان جىغان تۈرى «شېنچيۇخۇڭ»نى كىرگۈزۈپ، ياخشى كەسىپ ئىشچىسى بولۇش بىلەن بىللە، جىغان ئۆستۈرگۈچىگە ئايلاندى.

«بىر مو يەردە جىغان ئۆستۈرسەم ھۆكۈمەت 200 يۈەن تولۇقلىما بېرىدۇ، دەسلەپكى ئۈچ يىلدا يەنە سۇ ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، سىياسەت مۇشۇنداق ياخشى تۇرسا، يەنە نېمىنى ساقلايمەن!» دېدى داستان.

داستاننى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلغىنى شۇكى، ئالتاي ۋىلايىتى «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئۆستۈرۈلىدىغان سورتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش تەدبىرلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىپ زاكازلىق سېتىۋېلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جىغان ئۆستۈرگۈچى ئائىلىلەرنىڭ ئاساسىي كىرىمىگە ۋە كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش خام ماتېرىيالىغا «قوش كاپالەتلىك قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. كاڭيۈەن شىركىتى زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى شەكلىدە جىغاننى سېتىۋالدى، جىغاننىڭ ھەر كىلوگىرامى بەش يۈەن بولۇپ، بىر مو يەردىن ئوتتۇرىچە 300 كىلوگىرام ئەتراپىدا ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. 2019 - يىلىلا دېھقان - چارۋىچىلار ئۆستۈرگەن 395.23 توننا زاكازلىق جىغاننى سېتىۋېلىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمنى 1 مىليون 976 مىڭ 200 يۈەن ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

2015 - يىلىدىن ھازىرغىچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەتلىك جىغان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 250 مىڭ موغا يەتتى، مو بېشى ساپ كىرىمى 1500 يۈەنگە يەتتى.

ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا ئۈچ دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا كاڭيۈەن شىركىتى جىغان قۇرۇلۇشى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق سىجىل ياردەم بېرىشى - يۆلىشى نەتىجىسىدە، داستان ئائىلىسىنىڭ 100 مو يەردىكى جىغانلىرى نۆۋەتتە مېۋىلەش مەزگىلىگە كىردى. كاڭيۈەن شىركىتىنىڭ 20 مىڭ مولۇق جىغان ئۆستۈرۈش بازىسىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىشىدە، قابا ناھىيەسىدىكى دېھقان - چارۋىچىلار 60 مىڭ موغا يېقىن يەردە جىغان ئۆستۈردى. بۇ يىل قابا ناھىيەسى جىغان ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى يەنە 20 مىڭ مو كېڭەيتىپ، يىل ئاخىرىدا جىغان ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 100 مىڭ موغا يەتكۈزىدۇ. بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەتلىك جىغانلىرىنىڭ تاۋارغا ئايلىنىش نىسبىتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى. مۇشۇ ئاساستا، بۇ ۋىلايەت ئەتلىك جىغان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، بەش يىل ئىچىدە جىغان ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 500 مىڭ موغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

جىغان ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، جىغاننىڭ سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كونترول قىلىش، سۇنى تۇراقلاشتۇرۇپ تۇپراقنى ساقلاشتەك ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. داستان مۇنداق دېدى: ئىلگىرى خوتۇنۇم ھەمىشە ياغلىق بىلەن يۈزىنى چىڭ يۆگىۋالاتتى، چۈنكى شېغىللىقتا شامال چىقسىلا توپا - توزان كۆتۈرۈلەتتى. ھازىر خوتۇنۇم شامال چىقىشتىن قورقمايدىغان بولدى، چۈنكى يولنىڭ ئىككى ياقىسى كۆز يەتكۈسىز جىغانلىق بولۇپ، ئىلگىرىكى شېغىللىق بۈگۈنكى كۈندە بۈك - باراقسانلىققا ئايلاندى.

«مۇشۇ يىللاردا بىز يېڭى ئۆي سالدۇق، كىچىك ئاپتوموبىل سېتىۋالدۇق، جىغان بىزنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىمىزدىكى <ئالتۇن جىغان>غا ئايلاندى! بۇ يىل ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن، مائاشتىن باشقا يەنە 150 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىپ، ئوغلۇمغا ئۆي ئېلىپ بېرەلەيمەن» دېدى داستان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ