تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

شيې چياۋ: قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش ئۈچۈن توسۇلما كۆلدىن ئۈزۈپ ئۆتتى، قۇربان بولغاندا ئاران 24 ياشتا ئىدى

بۇ شيې چياۋنىڭ ھايات ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سەپىرىدىكى سۈرىتى، ئۇنىڭ كەينىدىكىسى ئۇ سەكرەپ چۈشكەن توسۇلما كۆل (2014 - يىلى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى كۇنمىڭ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر ۋاڭ يەن) 6.5 بال قاتتىق يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، خەتەرگە ئۇچرىغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ توسۇلما كۆلدىن ئۈزۈپ ئۆتمەكچى بولدى، لېكىن قايتىپ كېلەلمىدى − يۈننەن ئۆلكىلىك سابىق جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ سانىتارى شيې چياۋ قۇربان بولغاندا ئاران 24 ياشتا ئىدى.

1990 - يىلى تۇغۇلغان شيې چياۋ فۇجيەن نىڭدېدىن، 2008 - يىلى 12 - ئايدا ھەربىي سەپكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن شارائىتى ئەڭ جاپالىق بولغان نۇجياڭ تارماق ئەترىتىگە بېرىپ چېنىقىشنى تەلەپ قىلغان. لۇمادېڭ چېگرا مۇداپىئە خىزمەت پونكىتىدا، ئۇ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ، تېزلا ھەربىي ئىشلار ۋە كەسپىي جەھەتتە ئۈلگىلىك ئەسكەرگە ئايلانغان. 2010 - يىلى، ئۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە قىسمىنىڭ كۇنمىڭ شىگۇەنلەر مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۈننەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىغا تەقسىم قىلىنىپ، سانىتار بولغان.

2014 - يىلى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرى لۇديەن ناھىيەسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىگەن. يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، يۈننەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى تېزدىن 180 كىشىلىك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتى تەشكىللەپ ئاپەت رايونىغا ئەۋەتكەن، شيې چياۋ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە قاتنىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلغان. 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتى ئاپەت رايونىنىڭ ئەتراپىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يول توسۇلۇپ قالغاچقا ئېغىر ئاپەت رايونىدىكى لۇڭتۇشەن بازىرىغا قاراپ پىيادە ماڭغان. يول ئۈستىدە، شيې چياۋ سەپداشلىرى بىلەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپى بار يول بۆلىكىدە 40 نەچچە قېتىم بېرىپ - كېلىپ، تالاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن تۆت كىشىنى يۆتكەشكە ياردەم بەرگەن، يول بويى قاپسىلىپ قالغان ئاممىدىن 30دىن ئارتۇق كىشىنى تارقاقلاشتۇرغان، قۇتقۇزۇپ ياردەم بەرگەن.

سائەت 13 ئەتراپىدا، شيې چياۋ ئاممىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دالىن كەنتىدە يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن تاغ جىسمى سىيرىلىپ، 60 نەچچە ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكى بولمىغانلىقى توغرىسىدىكى ياردەم سوراش خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغان. شيې چياۋ دەرھال يۇقىرىغا دوكلات قىلغان، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر دەرھال نەق مەيدانغا ئاتلانغان. يامغۇردا قالدۇق يەر تەۋرەش ۋە تاش دومىلاپ چۈشۈش خەۋپىگە قارىماي، بىر سائەتتىن ئارتۇق جىددىي ھەربىي يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن بىر توسۇلما كۆل ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويغان. شيې چياۋ يەنە بىر قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ: «مەن ياش، سالامەتلىكىم ياخشى، سۇ ئۈزۈشنى بىلىمەن، مەن باراي!» دېگەن. ئۇ كەسكىنلىك بىلەن چاپىنىنى سېلىۋېتىپ سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ قارشى قىرغاققا قاراپ ئۈزگەن، يېقىنلاشقان، تېخىمۇ يېقىنلاشقان، قارشى قىرغاققا بارايلا دەپ قالغاندا، بىر مەيدان قالدۇق يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن تاغدىكى لاي - لاتقىلارغا قوشۇلۇپ تاش پارچىلىرى دومىلاپ چۈشكەن، بىر پارچە تاش تۇيۇقسىز شيې چياۋنىڭ بېشىغا تەگكەن، ئۇ ئىككى بىلىكىنى سۇ ئۈستىگە چىقىرىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركەشكەن بولسىمۇ، ئاخىر يەنىلا سۇغا چۆكۈپ كەتكەن.

24 ياشلىق شيې چياۋنىڭ ياش ھاياتى مەڭگۈ مۇشۇ دەقىقىدە توختاپ قالغان. سەپداشلىرى ۋە يېتىپ كەلگەن ئامما توسۇلما كۆل بويىدا كېچە - كۈندۈز ئىزدىگەن، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شيې چياۋنىڭ جەسىتى ئاخىر بايقالغان ھەم سۈزۈپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىلغان.

ئاق كۆڭۈل، ئەستايىدىل، كەم سۆز، بۇ ئۇنىڭ سەپداشلىرىدا قالدۇرغان تەسىرى. دوختۇرخانىغا يېڭىلا كەلگەندە، ئەزەلدىن ئۇچرىشىپ باقمىغان ھەر خىل، ھەر ياڭزا دورا ماتېرىياللىرى ئالدىدا، بۇ كېلىشكەن يىگىت ھەمىشە كەمتەرلىك بىلەن سوراپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئۆگىنىپ، ناھايىتى تېزلا «كەسىپ ئەھلى»گە ئايلانغان ھەم كۆپ قېتىم دوختۇرخانا تەشكىللىگەن كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىلىرىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. خىزمەتتە، ئۆزىگە ئەزەلدىن ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ئۇ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، «ئورۇننى پەرقلەندۈرۈپ دورا ئېلىش ئۇسۇلى» «ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيىتىنى تېز ئەستە ساقلاش ئۇسۇلى» «دورا ئېلىشتىكى 180 سېكۇنتلۇق ئۆلچەم» قاتارلىق تەجرىبە - ئۇسۇللارنى يىغىنچاقلاپ، ئاغرىقلارغا 16 مىڭ بولاقتىن ئارتۇق دورا تەييارلاپ بەرگەن، شۇنداقلا خاتالىق چىقارماسلىق، ئەرز قىلغانلار بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرغان.

2014 - يىلى 8 - ئايدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى سىياسىي بۆلۈمى شيې چياۋنى ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تەستىقلىدى ھەم دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئۆزىنى بېغىشلاش ئالتۇن خاتىرە ئىزنىكى بەردى، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى چېگرا مۇداپىئە قىسمى سىياسىي بۆلۈمى ئومۇمىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شيې چياۋنى 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ تولۇقلاپ ئەنگە ئالدى؛ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى ئۇنىڭغا «جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى»نى تولۇقلاپ بەردى.

شيې چياۋنىڭ ئىسمى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يۈننەن چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتىدىكى ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە «ئورناپ كەتتى». ئۇنىڭ قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، ھەققانىي، مەردانە روھى كۆپچىلىكنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى، ئۇلار ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەكتە. بۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا، يۈننەن چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى زەھەر دېلوسىدىن جەمئىي 537نى تەكشۈرۈپ پاش قىلىپ، جىنايەت گۇماندارىدىن 395 كىشىنى تۇتتى، 3177.2 كىلوگىرام زەھەرنى قولغا چۈشۈردى؛ زەھەر بۇيۇملىرى ياساش دېلوسىدىن 16نى تەكشۈرۈپ پاش قىلىپ، 230.5 توننا زەھەر ياساش بۇيۇمىنى قولغا چۈشۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ