تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭغا كۆپ جاينىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ياردەمگە كەلدى!

    مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى:

    شىنجاڭدىكى بۇ قېتىملىق يۇقۇم توپلىشىش خاراكتېرلىك بىر پائالىيەت بىلەن باغلىنىشلىق 

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ 7-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئومۇملاشتۇرغاندا، بۇ قېتىملىق يۇقۇم ئاساسلىقى توپلىشىش خاراكتېرلىك بىر پائالىيەت بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىقى تىيانشان رايونىغا مەركەزلەشكەن. ھازىر، ئاغرىق مىسالىنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى ۋە يېنىك تىپلىق.

  تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن بىمارلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس گېنىنى دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئۆلچەپ ئانالىز قىلىپ، ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشىگە يوللىدى.

    خۇبېي، جياڭسۇ، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردىن ياردەمگە كەلدى

    7-ئاينىڭ 18-كۈنى، خۇبېي، جياڭسۇ، سىچۇەننىڭ 60 نەچچە داۋالاش خادىمى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، رەتكە تۇرغۇزۇش خىزمىتىگە ياردەم بەردى. بۇنىڭدىن سىرت، «ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ساھەسىدىكى سەككىز پېشۋا»نىڭ بىرى بولغان پىروفېسسور كاڭ يەنمۇ شىنجاڭغا كېلىپ، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

    ۋۇخەننىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش خادىملىرى شىنجاڭ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى.

    خۇبېي ۋۇخەن 21 نەپەر نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خادىمى ئەۋەتتى

    7-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتە، خۇبېي ۋۇخەن شەھىرىدىكى ئۈچ دوختۇرخانىنىڭ 21 نەپەر نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش خادىمى تۆت سائەت ئۇچقاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدى.

    خۇبېي ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ۋە ۋۇخەن شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ۋۇخەن شەھەرلىك جىنينتەن دوختۇرخانىسى، ۋۇخەن شەھەرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، ۋۇخەن شەھەرلىك 1-دوختۇرخانا تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەمئىي 21 نەپەر تەكشۈرۈش بۆلۈمى ئۇستىسىنى شىنجاڭغا  ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. ئىگىلىنىشىچە، ۋۇخەن ئەۋەتكەن 21 نەپەر تەكشۈرۈش بۆلۈمى ئۇستىسى سەرخىل خادىملار بولۇپ، ۋۇخەندە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەن.

    بۇ قېتىمقى سەپەردە ئۇلار يەنە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئايرىپ ئېلىش ئەسۋابى، PCR كېڭەيتىش ئەسۋابى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاكتىپسىزلاندۇرۇش ساندۇقى قاتارلىق نازۇك ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر، شۇنداقلا بىر قىسىم تەجرىبە دورىلىرى ۋە خورىما ماتېرىياللارنى بىرگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى يەرلىك دوختۇرخانىلار بىلەن بىرلىكتە جەڭگە ئاتلىنىدۇ.

    جياڭسۇ ئۆلكىسى 21 كىشىلىك تەكشۈرۈش-داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتتى

    7-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىش ئۈچۈن، جياڭسۇ ئۆلكىسى ئەۋەتكەن 21 كىشىلىك تەكشۈرۈش-داۋالاش ئەترىتى نەنجىڭ لۇكوۋ ئايرودۇرۇمىدىن شىنجاڭ ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى تەكشۈرۈپ ئايرىش نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ياردەم بېرىشكە كەلدى.

    سىچۇەن ئۆلكىسى 21 نەپەر داۋالاش خادىمى ئەۋەتتى

    «ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ساھەسىدىكى سەككىز پېشۋا»نىڭ بىرى كاڭ يەن يەنە جەڭگە ئاتلاندى

    7-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن، سىچۇەن ئۆلكىلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 20 نەپەر داۋالاش خادىمىنى تەشكىللەپ، شىنجاڭنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، «ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ساھەسىدىكى سەككىز پېشۋا»نىڭ بىرى، سىچۇەن داشۆسى خۇاشى دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر مېدىتسىنا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور كاڭ يەنمۇ شىنجاڭغا كېلىپ، ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ