تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 12دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 11نى دوكلات قىلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاغرىق مىساللىرى. يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنىڭ ھەممىسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار.
7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 17سى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 11ى بار بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە، ھازىر 269 ئادەم تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.