7-ئاينىڭ 10-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى كەشتىچىلىك زاۋۇتىدا ئىشلىمەكتە.
7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئايقەمەر قادىرجان بىكار ۋاقتىدا سېخقا كېلىپ كەشتىچىلىكنى ئۆگەندى.
7-ئاينىڭ 10-كۈنى، بۇسارىگۈل ئابدۇرۇسۇل(ئوڭدا) قىزى بىلەن كەشتىچىلىك تېخنىكىسى توغرىسىدا پىكىرلەشمەكتە.
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات خەۋىرى، فوتوسى): «كەشتە تىكىش ماشىنىسى ئىشقا كىرىشسە، بېيىشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.» بۇ ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى گۈلباغ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆز بولۇپ قالدى. بۇ سۆز بۇ يىل 1-ئايدا شىنجاڭ جىڭجى سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ خۇڭخۇا ساۋلۈ كەشتىچىلىك زاۋۇتى گۈلباغ كەنتىگە ماكانلاشقاندىن كېيىن كەنتكە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان.
يېڭىدىن قۇرۇلغان كەشتىچىلىك زاۋۇتىدىكى ئېلېكترونلۇق كەشتىلەش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىغا ناھايىتى يېقىملىق ئاڭلىناتتى، 70 نەچچە كەنت ئاھالىسى زاۋۇتتا پۈتۈن زېھنى بىلەن كەشتە تىكىش ماشىنىسىغا تىكىلىپ، ئاق رەخت ئۈستىگە ھەرخىل نۇسخىلارنى كەشتىلەيتتى. كەشتىچىلىك زاۋۇتى گۈلباغ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىغان ياخشى سەھنىگە ئايلاندى.
بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن بۇسارىگۈل ئابدۇرۇسۇل ئىلگىرى تىككۈچىلىكنى ئۆگەنگەن بولۇپ، كەشتىچىلىك زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەشكە تىزىملاتتى. تىككۈچىلىك تېخنىكىسىدىن ئاساسى بار بۇسارىگۈل ناھايىتى تېزلا زاۋۇتنىڭ تېخنىك تايانچىغا ئايلاندى، يەنە يېڭىدىن زاۋۇتقا كىرگەن خادىملارنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. بۇسارىگۈلنىڭ تەسىرىدە، 5-ئايدا قىزى ئايقەمەر قادىرجانمۇ زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلىدى، مالىيە بوغالتىرلىقى كەسپىنى پۈتكۈزگەن قىزى زاۋۇتنىڭ بوغالتىرى بولدى.
ھازىر، كەشتىچىلىك زاۋۇتىنىڭ ئۈنۈمى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇسارىگۈل ۋە قىزىنىڭ كىرىمىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. «ھازىر قىزىم ئىككىمىز مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدۇق، كەشتىچىلىك زاۋۇتى ئائىلىمىزنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتتى، تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلىدى. مەن بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، زاۋۇتنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزىمىز» دېدى بۇسارىگۈل.