تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن كەتكۈم كەلمىدى»

توختى بوۋاينىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپتى

«كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن كەتكۈم كەلمىدى»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جىڭ بو، پەرىزات ئابدۇل، زوۋ يى، ئەن شىيۈ، يىن تۇڭيۈەن

6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، كەنت ئاھالىسى توختى مۇسايۇپ (ئوڭدا) ئائىلىسىدىكىلەر ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيىدە راھەت تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

«بۇلتۇر 7 - ئايدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، مەن كونا ئۆيگە قايتىپ باقمىدىم.» 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، 75 ياشلىق توختى مۇسايۇپ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى خۇشاللىقىنى مۇخبىرلار بىلەن ھەمبەھرىلەندى.

توختى بوۋاينىڭ يېڭى ئۆيى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش بازىرىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىدا بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا 22 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يەردە پۈتۈن ناھىيەدىكى ئۈچ تاغلىق يېزا - بازاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 3063 نامرات ئائىلىدىكى 14 مىڭ ئادەم تۇرۇۋاتىدۇ.

بوۋاينىڭ يېڭى ئۆيى ناھايىتى ئىللىق ئىدى، ھويلىسىغا تېرىغان كۆكتاتلىرى ياخشى ئۆسكەن، كاۋا مايسىلىرى قاشاغا ياماشقانىدى، ئىشىك ئالدىدىكى تۆمۈر چېلەكتە ئۆستۈرۈلگەن ئىككى تۈپ ئەنجۈر دەرىخى مېۋە بەرگەن بولۇپ، ئوڭ - سول ئىككى تەرەپتە خۇددى «يىڭكېسۇڭ قارىغىيى»دەك تۇيغۇ بېرەتتى.

ئۆيگە كىردۇق، سول تەرەپتىكى تام بوۋاي بىر ئائىلە كىشىلىرى بەھرىمەن بولغان نامراتلارنى يۆلەش سىياسەتلىرى ۋە ئىلگىرىكى ئۆيىنىڭ كونا سۈرەتلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، پۈتۈن ئائىلە كىشىلىرىگە پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى ئۇنتۇماسلىقنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇراتتى؛ ئۇدۇلدىكى تام ئىككى ئاسما سېۋەتتىكى قىزىل رەڭلىك سولياۋ گۈل بىلەن بېزەلگەنىدى. تېلېۋىزور، سافا، ساجى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى، قىزىل رەڭلىك دېرىزە پەردىسى ۋە ئىشىك پەردىسى پۈتۈن ئۆينى ئوتقاشتەك تۈسكە كىرگۈزگەنىدى، دېرىزە تەكچىسىدە چىرايلىق گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، مېھمانخانىنىڭ ھەممە يېرىنى خۇش ھىد قاپلىغانىدى.

كۆچۈشتىن ئىلگىرى، توختى بىر ئائىلە كىشىلىرى چوپان يېزىسىنىڭ ئىلىنىش كەنتىدە تۇراتتى. بۇ يېزىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار ئىدى، پۇقرالار چوپان دەرياسىنى بويلاپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كىشى بېشىغا 0.8 مو تېرىلغۇ يەر توغرا كېلەتتى، يەرنىڭ تېرىلىشچانلىقى ناچار ئىدى، يوللار راۋان ئەمەس، كىرىپ چىقىش قولايسىز، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئاز بولۇپ، كىرىم يوللىرىدىن پەقەت ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىلا بار ئىدى.

«ئىلگىرى كەلكۈن كېلىپ، قوي - كالىلىرىمىزنى ئېقىتىپ كېتەتتى، ئۆي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتەتتى.» توختى: سۇنى دەريادىن توشۇپ كېلەتتۇق، تاماق ئەتكەندە ئوتۇن قالايتتۇق، بىر يىلدا ناھىيە بازىرىغا بىرەر قېتىممۇ بارالمايتتۇق، دېدى. تۇرمۇش ۋە سەپەرگە چىقىش شۇنچە قىيىن بولسىمۇ، ئەمما توختى ئائىلىسى كۆچۈرۈلىدىغان ئائىلە قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، توختىنىڭ يەنىلا يۇرتىدىن ئايرىلىشقا تازا كۆزى قىيمىدى ۋە كۆچكەندىن كېيىن قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن ئەندىشە قىلدى.

تاكى ئۆي ئايرىپ چىققان چوڭ ئوغلىنىڭ ئائىلىسى 2018 - يىلى ئاقتاش بازىرىدىكى 1 - تۈركۈمدە كۆچۈرۈلگەن ئائىلىگە ئايلىنىپ، ئۇنىڭغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى تۈرلۈك پايدىلىق تەرەپلەرنى سۆزلەپ بەرگەن، شۇنداقلا تۇغقانلىشىپ ياردەم بەرگەن - يۆلىگەن كادىر قايتا - قايتا سەپەرۋەر قىلغاندىن كېيىن، توختى ئاندىن قەتئىي نىيەتكە كەلدى.

سۈزۈك تۇرۇبا سۈيى، قولايلىق تەبىئىي گاز، چىرايلىق ئەمىن ئۆي، قولايلىق لىنىيە ئاپتوبۇسى، مەكتەپ، دوختۇرخانا يېقىن ئەتراپتىلا، تۇرمۇشنىڭ راھەت، قولايلىقىدىن توختىنىڭ «كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن كەتكۈسى كەلمىدى».

كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ يېڭى تۇرمۇشقا بالدۇرراق ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاقتاش بازىرىدا خەلققە قولاي مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇپ، «تۇرمۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش» قانات يايدۇرۇلۇپ، قولاي بولغان «بىر بېكەت شەكلى»دىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەندى.

بازارنىڭ ياردىمىدە، توختى ئائىلىسىدىكىلەر تېز سۈرئەتتە يېڭى تۇرمۇشقا سىڭىپ كىردى. كۆچۈپ كېلىشتىن ئىلگىرى، جورىسىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قولايسىز بولغاچقا، ۋاقتىدا كۆرۈنمىگەچكە، ھاسىغا تايىنىپ ماڭاتتى. يېڭى ئۆيگە كۆچكەندىن كېيىن، راھەت تۇرمۇش مۇھىتىدا، ئۆيىنىڭ ئالدىدىلا كېسەل كۆرسىتەلىگەچكە، جورىسى ھاسىنى تاشلاپ، سالامەتلىكى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى.

«كۆچۈرۈش پەقەت ۋاسىتە، مەقسەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش.» ئاقتاش بازىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇقى، توكچىلىق، ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى، تىككۈچىلىك، ئاشپەزلىك قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن 14نى، دۇكاندىن 130نى ئاچتى، 1300 پارنىك، بىر چارۋا باقمىچىلىقى باغچە رايونى، بىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قۇردى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن توققۇز كارخانىنى كىرگۈزۈپ سانائەت باغچە رايونىدا ماكانلاشتۇردى. ئاقتاش بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چيەن گوبياۋ مۇنداق دېدى: بازىرىمىز كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياردەم بېرىش - يۆلەش، تەربىيەلەش، مۇلازىمەت بىلەن تولۇق قاپلاشنى يولغا قويۇپ، بىر ئائىلە كۆچۈرۈلسە، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

توختىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئەسلىدە ئۈچ يىل ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، ئەمما چوپان يېزىسىدا ھۈنىرىنى ئىشقا سالىدىغان جاي چىقمىغانىدى. كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوغلى بىلەن كېلىنى بازاردا بىر ئاشخانا ئاچتى، ئايلىق ئومۇمىي كىرىمى 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى. مال كىرگۈزۈشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ئىككىنچى ئوغلى يېقىندا شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىشكە باشلىدى، پۇل يىغىپ ئاپتوموبىل سېتىۋالماقچى بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ياشانغان ئەر - خوتۇننىڭ نېمە تاماق يېگۈسى كەلسە، كېلىنى ئاشخانىدىن ئېتىپ ئەكېلىپ بېرىدۇ، ئىككى نەۋرە قىزىمۇ ئىشىك ئالدىدىلا ئوقۇغاچقا، ھەر ۋاقىت ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ. راھەت تۇرمۇشتىن توختى ناھايىتى خۇشاللىققا چۆمدى.

«ھازىر ناھىيە بازىرىغا بېرىش ناھايىتى قولايلىق، يولۇچى توشۇش بېكىتى يېقىن ئەتراپتىلا. مەن بۇ يىل ناھىيە بازىرىغا بىر قانچە قېتىم باردىم» دېدى توختىنىڭ جورىسى كۈلۈپ تۇرۇپ.

كۆچۈشتىن ئىلگىرىكى تۈرلۈك ئەندىشىدىن ھازىرقى خۇشاللىقلارغىچە، توختى خاتىرجەم بولدى، كۆڭلىمۇ ئەمىن تاپتى.

پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، توختى زىيارەت جەريانىدا «پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇپ بولالمايمىز» دېگەن سۆزنى قايتا - قايتا تىلغا ئالدى. ياشانغان ئەر - خوتۇننىڭ ئارزۇسى سالامەتلىكىنى ياخشى ئاسراپ، بازارغا بېرىپ مۇھىت تازىلىقىغا ياردەملىشىپ، ئەتراپتىكى مۇھىتنى پاك - پاكىز تازىلاش، تېخىمۇ گۈزەل قىلىش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەۋرە قىزلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، كېيىن يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ