تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياسىنجان خىزمىتىنى تىلغا ئالسىلا ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى شىڭ، جېڭ جو

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، خوتەن شەھىرىدىكى بىر خىزمەت بىناسىدا مۇخبىرلار ياسىنجان ئەكرەم بىلەن كۆرۈشتى. تېخى پاراڭ باشلانماي تۇرۇپلا، خۇش پېئىل ياسىنجان بىر يەلپۈگۈچنى سۇندى، يەلپۈگۈچنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ شىركىتىنىڭ ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى ۋە قىسقىچە كەسىپ چۈشەندۈرۈشى بېسىلغانىدى. «ئىككى كۈندىن بۇيان بىز ھەرقايسى يېزا - بازارلاردا تەشۋىقات ۋەرەقى تارقاتتۇق، بىر تەرەپتىن شىركەتنىڭ كەسپىنى تونۇشتۇردۇق، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپرەك ئادەم قوبۇل قىلىشنى ئويلاشتۇق» دېدى ياسىنجان.

ياسىنجان نەۋرە سىڭلىسى بىلەن بىللە بىر ئائىلە مۇلازىمەت شىركىتىنى باشقۇرىدۇ، نۆۋەتتىكى تىجارەت ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى. «مەن ھەر كۈنى ئىشخانىغا ناھايىتى ئەتىگەن كېلىمەن، شۇنچە كۆپ ئىشنىڭ بارلىقىنى ئويلىساملا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تۈگىمەس كۈچكە تولىدۇ» دېدى ياسىنجان روھلۇق قىياپەتتە.

ھەر كۈنى ئالدىراشچىلىقتا پۇت - قولى يەرگە تەگمىدى

بۇلتۇر ياسىنجان خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغاندا، نەۋرە سىڭلىسى ئاچقان شىركەتتە ئادەم كەمچىل ئىدى. «كېلىپ ماڭا ياردەملەشكىن!» نەۋرە سىڭلىسى ياسىنجاننى ئۆزىنىڭ شىركىتىگە كېلىپ ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى.

«مەن ئاساسلىقى خوتەن شەھىرىدىكى كەسىپكە ۋە شىركەتنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇشىغا مەسئۇل، نەۋرە سىڭلىم پۈتۈن زېھنى بىلەن خوتەن شەھىرىدىن باشقا جايلاردىكى بازارنى ئاچىدۇ.» ياسىنجان ھەر كۈنى نۇرغۇن خېرىدارنى كۈتۈۋالىدۇ، خېرىدارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەيدۇ، «ئىشخانىغا كىرسەملا تېلېفون توختىماي جىرىڭلايدۇ.» ئۇ يەنە شىركەتتىكى ئۆي خىزمەتچىسى، تۇغۇت پەرۋىشكارلىرىنىڭ خېرىدارنىڭ ئۆيىدىكى خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، مەسىلە بولسا ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ھەر كۈنى ئالدىراشچىلىقتا پۇت - قولى يەرگە تەگمەي قالىدۇ.

«شىركەتتە ھازىر 112 ئۆي خىزمەتچىسى، 380 تۇغۇت پەرۋىشكارى بار، لېكىن يەنىلا يېتىشمەيۋاتىدۇ.» ياسىنجاننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۆي خىزمەتچىسى، تۇغۇت پەرۋىشكارلىرىغا بولغان بازار ئېھتىياجى ناھايىتى زور ئىكەن، «بىز يېقىندا يەنە ئون نەچچە ئادەم قوبۇل قىلدۇق، ئۇلارنى ئۈرۈمچىگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىپ پەرۋىش گۇۋاھنامىسى ئېلىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.» پەرۋىش گۇۋاھنامىسى بولسىلا، ئۆي خىزمەتچىلىرىنىڭ شەخسىي كىرىمى خېلى كۆپ ئاشىدىكەن، خېرىدارلارنىڭ تېخىمۇ ئالقىشىغا ئېرىشىدىكەن.

ھازىرقى خىزمەت تىلغا ئېلىنسا ياسىنجان ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىدۇ. ھالبۇكى بۇرۇنقى تۇرمۇش تىلغا ئېلىنسىلا، ياسىنجان توختىماي بېشىنى چايقايدۇ.

ئۆگىنىش ئۇنى ئازغان يولدىن قايتۇرۇپ كەلدى

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشتىن ئىلگىرى ياسىنجان بىر مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىدە ئىشلەيتتى. خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئۇ تېلېفوندا ئويۇن ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، مەقسەتسىزلا ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىدىغان بەزى تور بېكەتلىرىنى كۆرۈپ، دەسلەپتە پەرۋا قىلمىدى، لېكىن كۆرۈۋېرىپ، بارا - بارا دىققەت قىلىشقا باشلىدى. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئۇ تەدرىجىي ھالدا ئەسەبىي ئىدىيە تەرغىب قىلىنغان ئاشۇ ئاتالمىش «قائىدە»لەرنى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دوستلىرى بىلەن يىغىلىش قىلغاندا ناخشا ئېيتقان، ئۇسسۇل ئوينىغانلىقىنى كۆرۈپ، ياسىنجان ئۇلارغا ئېغىز ئاچتۇرمايلا ئارىلاشتى، توستى. كېيىن ئۇنىڭ بارا - بارا ئىشلەشكىمۇ رايى بارماي، كۈنبويى ئۆيدە ئولتۇرۇپ، ھېچكىم بىلەن پاراڭلاشمايدىغان بولۇپ قالدى.

خوتۇنى ئارزۇگۈل تۇرسۇن ياسىنجانغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىز ئىشقا بارمىسىڭىز، كىرىم بولمىسا، بۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇشىمىزنى قانداق قىلىمىز.» ياسىنجان خوتۇنىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپمۇ قويمىدى، يەنە قوپاللىق بىلەن خوتۇنىنى ئەيىبلەپ تىللىدى. مەھەللە خىزمەتچىلىرىمۇ ياسىنجاندىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقاپ، ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلدى. مەھەللە كادىرلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ياسىنجان تەربىيەلەش مەركىزىگە كېلىپ ئۆگىنىشكە تىزىملاتتى.

تەربىيەلەش مەركىزىدە، ياسىنجان دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگەندى، بۈگۈنكى كۈندە باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى. قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ياسىنجان ئۆزى ئىلگىرى دائىم كۆرىدىغان تور بېكەتلىرىنىڭ تارقاتقانلىرىنىڭ ئەسەبىي ئىدىيە بولۇپ، قانچە كۆپ كۆرسە خەۋپنىڭ شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر ۋاقتىدا توغرا يولغا قايتمىسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندى.

«ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرگەن بولسام، تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېتەتتىمكەن. ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمدىن ئايرىلىپلا قالماي، يەنە ئۆزۈمنىمۇ نابۇت قىلار ئىكەنمەن» دېدى ياسىنجان.

بىر نىيەتتە بولغاندىلا ئاندىن ئىشلارنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ

ياسىنجان تۇغۇت پەرۋىشكارى، ئۆي خىزمەتچىسى قوشۇنىنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى پىلانلىدى. بۇ يىل لوپ ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسىدە شۆبە شىركەت ئېچىپلا قالماي، يەنە ئۈرۈمچىدە شۆبە شىركەت قۇرۇشنى ئويلاشتى.

«4 - ئايدىن باشلاپ، شىركەت ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلدى، ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىپ، يەنە ئائىلە مۇلازىمىتى ۋە ئۆي كۆچۈرۈش كەسپىنى قانات يايدۇردى.» ياسىنجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى نۇرغۇن خېرىدار ئۆي خىزمەتچىسى ئىزدىگەندە ئائىلە مۇلازىمىتى ياكى ئۆي كۆچۈرۈش مۇلازىمىتى بار - يوقلۇقىنى سورىغان ئىكەن، سورايدىغانلار كۆپەيگەنسېرى، ئۇ بۇ ئىككى تۈرلۈك كەسىپنىمۇ قانات يايدۇرۇشنى ئويلىشىپتۇ.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ياسىنجاننىڭ قارارى توغرا ئىدى، ئائىلە مۇلازىمىتى ۋە ئۆي كۆچۈرۈش كەسپى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى. «بۇنىڭدىن كېيىن كەسىپ مىقدارى زورايسا، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆي كۆچۈرۈش ئاپتوموبىلىنى سېتىۋالىمىز» دېدى ئۇ.

شىركەت خادىملىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، قانداق قىلغاندا باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ، بۇ ياسىنجان ئۈچۈن بىر خىرىس ئىدى.

«مەن تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگەنگەن قانۇن بىلىملىرى ماڭا چوڭ ياردەم قىلدى.» ياسىنجان مۇنداق دېدى: ھازىر مەيلى خېرىدارلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالاشتا بولسۇن ياكى خىزمەتچىلەر بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈشتە بولسۇن، ھەممىسىدە قانۇنغا ھۆرمەت قىلىمىز، قانۇنغا رىئايە قىلىمىز. ياسىنجان يەنە شىركەتكە قانۇن مەسلىھەتچىسى تەكلىپ قىلىپ، مۇھىم ئىشلاردا قانۇن مەسلىھەتچىسىدىن مەسلىھەت سورىدى.

تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ياسىنجاندا يەنە بىر روشەن ئۆزگىرىش بولدى، ئۇ بولسىمۇ خوتۇنىنى تېخىمۇ چۈشىنىش، قوللاش، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش بولدى. خوتۇنىنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش ئىدى، ئىلگىرى ئەزەلدىن ئۆي ئىشلىرىنى قىلمايدىغان ياسىنجان ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى. بىر قېتىم، خوتۇنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ئۆيگە بەك كەچ قايتقاندا، ياسىنجان ئۆزى ئەتكەن تاماقنى خوتۇنىنىڭ ئالدىغا قويدى، خوتۇنى تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلدى.

شىركەتتە ياسىنجان بىر ياخشى رەھبەر بولۇشقىمۇ تىرىشتى. بىر خىزمەتچىنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، ياسىنجان خىزمەتتە باشقىلارغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدىكەن، كۆپچىلىكنىڭ ھالىغا يېتىدىكەن. بەزىدە شىركەتنىڭ كەسپى ئالدىراش بولغاندا، ئۇ يەنە خىزمەتچىلەرگە شوپۇر بولۇپ، خىزمەتچىلەرنى باشلاپ بىللە قاترايدىكەن. ئالدىراشچىلىقتا سىرتقا چىقىپ تاماق يېيىشكە ۋاقىت چىقىرالمىغاندا، ئۇ ئۆزى پۇل چىقىرىپ كۆپچىلىككە خىزمەت تامىقى ئېلىپ بېرىدىكەن.

«شىركەت بىر كوللېكتىپ، كۆپچىلىك جەزمەن ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك، بىر نىيەتتە بولغاندىلا ئاندىن ئىشلارنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ.» ياسىنجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ بىرلىكتە غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، شىركەتنى بارغانسېرى ياخشى باشقۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنى بارغانسېرى ئاشۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ