خەلق گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەتلىك كۆكەرتىش كومىتېتى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى جايلار، تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەتىيازدا ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشنى پائال، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشىغا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغان. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئەتىيازدا بىنا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 66 مىليون 460 مىڭ موغا يېتىپ، پۈتۈن يىللىق ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ %65.8نى ئىگىلىگەن؛ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بويىچە بەرپا قىلىنغان ئورمان 30 مىليون 320 مىڭ مو، ئوتلاق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بويىچە بەرپا قىلىنغان ئورمان 13 مىليون 610 مىڭ مو بولغان. جەمئىي 436 مىليون ئادەم قېتىم مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە قاتناشقان، 1 مىليارد 690 مىليون تۈپ كۆچەت(سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىكىلگەن. (گۇ جۇڭياڭ خەۋىرى)
ئالدىنقى يېرىم يىلدا 66 مىليون 460 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىندى
مۇھەررىر :
بۇئايشەم راخمان
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/07/14 19:46
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.