تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتاتنى كۆپرەك يەپ بەرسە، دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن

    مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتاتنى كۆپرەك يەپ بەرسە، راستتىنلا دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟ ئەڭ يېڭى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى بۇ سۇئالغا جاۋاب بەردى.

   مۇخبىرنىڭ شىخۇ داشۆسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەكتەپنىڭ ھاياتلىق ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى جېڭ جۈشېڭ ياۋروپادىكى 40 نەچچە ئوزۇقشۇناس بىلەن بەش يىل ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، قان ئوزۇقلۇق بەلگىسى نۇقتىسىدىن مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك قوبۇل قىلىشنىڭ دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان(بۇ ماقالىدە 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ).

    تەتقىقات يەكۈنىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى 66 گىرام سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىنى كۆپرەك قوبۇل قىلغاندا، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى %25 تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىگە تاماق يېتەكچىلىك قىلىشنى قىممەتلىك تەكلىپ ۋە پايدىلىنىش بىلەن تەمىنلىدى. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى «ئەنگلىيە مېدىتسىنا ژۇرنىلى»(BMJ) تورىدا ئېلان قىلىنغان.

    «بىز ئىز قوغلاش ئارقىلىق ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، دانىيە قاتارلىق سەككىز ياۋروپا دۆلىتىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق دىيابېت كېسىلى بىمارىنى خاتىرىلىدۇق ھەمدە 13 مىڭدىن ئارتۇق ساغلام كىشىلەر توپىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوزۇقلۇق بەلگىسى ماددىسى نۇقتىسىدىن مېۋە-چېۋە ۋە سەي-كۆكتاتنى كۆپ يېيىشنىڭ دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەقىقەتەن ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى بايقىدۇق» دېدى ئىلمىي ماقالىنىڭ بىرىنچى ئاپتورى جېڭ جۈشېڭ.

    تەتقىقات كوللېكتىپى تەجرىبە قىلىنغان كىشىلەر توپىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قان تەركىبىدىكى يەتتە خىل ئوزۇقلۇق ماددا كۆرسەتكۈچىنى خاتىرىلىگەن، بۇ ۋىتامىن C ۋە ئالتە خىل كاروتېننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ يەتتە خىل قان كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۈنۈملۈك سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋە بىلەن ماس كېلىدىغان ئوزۇقلۇق بەلگىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، قوبۇل قىلىنغان سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋە قانچە كۆپ بولسا، بۇ يەتتە خىل كۆرسەتكۈچنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.

    تەتقىقات كوللېكتىپى قەرەللىك ئۆلچەش ۋە ئىز قوغلاش ئارقىلىق، بەدەندىكى ئوزۇقلۇق بەلگە ماددىسى قانچە يۇقىرى بولسا، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ شۇنچە تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇ تېخىمۇ كۆپ مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتاتنى قوبۇل قىلغاندا، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يەتتە خىل ئوزۇقلۇق بەلگىسى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر ئۆلچەملەشكەن ئورۇنغا ئۆرلەيدۇ __ ماس ھالدا ھەر كۈنى 66 گرام سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىنى كۆپ قوبۇل قىلغاندا، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى %25 تۆۋەنلىتىدۇ.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ 10 مىڭدىن ئارتۇق دىيابېت كېسىلى بىمارى ۋە 13 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ساغلاملىق سېلىشتۇرما گۇرۇپپىسى 10 يىلغا يېقىن ئىز قوغلاش ئارقىلىق 400 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان.

    «بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن كوللېكتىپ شۇنىڭغا ئوخشاش تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. بەزى كوللېكتىپ سوئال قەغىزى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، بۇ خىل تەجرىبە ئۇسۇلىغا تەجرىبە قىلغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسى سىڭدۈرۈلگەچكە، تەجرىبە نەتىجىسىدە خاتالىق بولۇشى مۇمكىن. باشقا تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ ئەۋرىشكىسىدە پەقەت نەچچە 100 ئادەم بولۇشى مۇمكىن، ئىز قوغلاش ۋاقتىمۇ بىر قەدەر قىسقا، بۇنداق ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك ئەمەس. بۇ قېتىمقى تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى كۆپ، تەجرىبە ۋاقتى ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەدەر ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق  نەتىجىنى دەلىللەش ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى جېڭ جۈشېڭ.

                                                                                                                                                            پەن-تېخنىكا گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ