تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشقا تولۇق كۈچ سەرپ قىلايلى

− ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش نەق مەيدان يىغىنىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر قاتار مۇھىم، زور ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنپەئىتى، بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

باشتىن - ئاخىر مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمى ۋە چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش − يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق سۆز. پەقەت «مۇقىم» چوڭ ۋەزىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، «ئىلگىرىلەش» يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغاندىلا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىستىقبالى مۇقەررەر پارلاق بولىدۇ.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئاساسىي تىرىكى، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تۈپ تەدبىر، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ كەسىپلەرنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا قىستاش كېرەك؛ بازار يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سېلىنما، ئىستېمال، تاشقى سودىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، ئورتاق ئالغا سىلجىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا يۇغۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمالنى تولۇقلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى سودىنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پورت ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش كېرەك.

قەتئىي بوشاشماي «ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇش» «ھاياتىي كۈچ قوشۇش»قا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك؛ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ بەس - بەستە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ بازار ئىجازىتى بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ، كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بەرگەن ئالاھىدە سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى، پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش كېرەك.

قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق تۇرمۇشىنى چۆرىدەپ تەرەققىياتنى تۇتۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى تۇتۇشمۇ تەرەققىياتنى تۇتقانلىق. پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى بىلەن ئورگانىك بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، خەلققە بولغان قويۇق ھېسسىيات نامايان قىلىنغان، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ھەممە ئائىلىنىڭ قىزغىن ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمىن ئۆي قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىغا ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى تۇتۇشنى بوشاشتۇرماي، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

قانچە ئاچقۇچلۇق پەيتكە يېقىنلاشقانسېرى، شۇنچە قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىدىغان، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ بولۇشى كېرەك. بىز تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ