تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

چەي شېڭفاڭ: پۇقرالارنىڭ ھال - ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈككەن ياخشى ھاكىم

چەي شېڭفاڭنىڭ سۈرىتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لەنجوۋ تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىرلار جاڭ ۋېنجىڭ، سۈي خەنچاۋ) پۇقرالارنىڭ ھال - ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈككەن كادىرنى پۇقرالارمۇ كۆڭلىگە پۈكىدۇ. چەي شېڭفاڭ دەل مۇشۇنداق پۇقرالار مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايدىغان ياخشى كادىر.

چەي شېڭفاڭ، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ نىڭشيەن ناھىيەسىدىن، 1969 - يىلى 7 - ئايدا تۇغۇلغان. 1986 - يىلى 7 - ئايدا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ چىڭياڭ شەھىرى بويىچە ئىجتىمائىي پەنلەر ئەلىيۇلئەلاسىلىق نەتىجىسى بىلەن بېيجىڭ داشۆگە ئۆتكەن. 1990 - يىلى 7 - ئايدا، گەنسۇ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. 2004 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

1997 - يىلى، چەي شېڭفاڭ مائاشىنى توختىتىپ ئىشتاتىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆز خىراجىتى بىلەن ياپونىيە شېنخۇ داشۆسىگە بېرىپ ئوقۇپ، 2002 - يىلى 9 - ئايدا، مۇددەتتىن يېرىم يىل بۇرۇن ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

2002 - يىلى 10 - ئايدا، چەي شېڭفاڭ گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدا خىزمەت قىلغان. 2006 - يىلى، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولغان دىڭشى شەھىرىگە بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، لۇڭشى ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، دىڭشى شەھىرى ئەندىڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رايون باشلىقى، لىنتاۋ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم، لىنتاۋ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

2014 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سەھەردە، چەي شېڭفاڭ ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كېتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئىشخانىسىدا تۇيۇقسىز بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەن، شۇ يىلى ئارانلا 45 ياشتا ئىدى.

1 مىليون 700 مىڭ خەتلىكتىن ئارتۇق خەلق رايى خاتىرىسى، ئۇ ئىلگىرى بېسىپ ئۆتكەن نەچچە يۈز كەنتنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھېكايىسىنى سۈكۈت ئىچىدە ئەينەن خاتىرىلەپ قالدۇردى.

دىڭشى شەھىرىدە بىر رايون، ئالتە ناھىيە بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ ناھىيە، رايوننىڭ ھەممىسىدە چەي شېڭفاڭنىڭ ئىزى بار.

لۇڭشى ناھىيەسىدە مۇئاۋىن ھاكىم بولغان چاغدا، چەي شېڭفاڭ لۇڭشى جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنى پىلانلاپ قۇرۇشقا قاتناشقان، تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ، تۈر ئىزدەپ، مەبلەغ جەلپ قىلىپ، لىشى مەدەنىيەت كەسپىنى ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرنى كىرگۈزگەن.

2009 - يىلى، چەي شېڭفاڭ ئەندىڭ رايونىغا يۆتكىلىپ خىزمەت قىلىپ، ئەندىڭ سانائەت باغچىسى، دىڭشى زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرنىڭ ئىمزالىنىپ ئەمەلىيلىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتقان.

2011 - يىلى، چەي شېڭفاڭ لىنتاۋ ناھىيەسىگە يۆتكەلگەن. «ئىشىكنى ئېچىپ ئىش بېجىرىش، دەرھال بېجىرىش؛ سىرتقا چىقىپ سودىگەر چاقىرىش، يۇرتقا قايتسىلا يېزىغا چۈشۈش» − ئۇنىڭ خىزمەت ئىستىلى. «كۆڭلىمىزدە پۇقرالار بولسىلا، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق» − ئۇنىڭ ھەرىكەت مىزانى.

لىنتاۋدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، چەي شېڭفاڭ 5000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ سۇ ئىچىشى قىيىن بولۇش، يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇشى قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتقان.

چەي شېڭفاڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن ھەربىر يېزا - بازار، كەنت، مەھەللە ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ھەمدە ئاڭلىغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى خاتىرىلىگەن. نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئۇ پۈتۈن لىنتاۋ ناھىيەسىدىكى 300دىن ئارتۇق كەنتنى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە كەنتتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىپ، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئېنىق بەلگىلەپ، خەرىتە ياساپ ئىشخانىسىنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويغان.

كۈندە تەتقىق قىلىش، ھەر ۋاقىت ئويلىنىش ئارقىلىق، بۇ «دوكتور ھاكىم» نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەپەككۇرىنى تەدرىجىي بېكىتكەن. ئۇ يىرىك پىلان تۈزۈپ، تۈرلەرگە قاتراپ، مەبلەغ جەلپ قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، لىنتاۋنى «پۈتۈن ئۆلكە بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى»گە ئايلاندۇرغان.

«باي بولاي دېسەڭ، ئاۋۋال يول ياسا». چەي شېڭفاڭ كۆپ قېتىم جىپسىلاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا لىنتاۋنى دۆلەتنىڭ «ليۇپەنشەن تەۋەلىك رايونى قاتناش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيە»لەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، 1173.3 كىلومېتىرلىق يېزا تاشيولىنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى قولغا كەلتۈرگەن.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا چەي شېڭفاڭنىڭ «بىرىكمە مۇشتى» بار، ئۇ بولسىمۇ ھەم «كەسىپ ئارقىلىق ناھىيەنى گۈللەندۈرۈش»، ھەم «مەدەنىيەت ئارقىلىق ناھىيەنى گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت. لىنتاۋنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى مول، چەي شېڭفاڭ «مەدەنىيەتنىڭ لىنتاۋنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى»نى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ ماجياياۋ خارابىسىنى قېزىش ۋە قوغداشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، لىنتاۋنى بويلىغان مەدەنىيەت كەسىپ بەلبېغىنى نۇقتىلىق پىلانلىغان.

«ئالاھىدە بولۇۋالمايدۇ، ئىمتىيازلىق بولۇۋالمايدۇ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىغا <يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات> سالمايدۇ؛ بىلىمى مول، ئىشنى ناھايىتى ئەستايىدىل، پۇختا قىلىدۇ؛ چىقىشقاق، ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس.» بۇ چەي شېڭفاڭ بىلەن بىللە ئىشلىگەن خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسى.

«ئۇ <جياۋ يۈلۇچە ياخشى كادىر>، بىزنىڭ ھال - ئەھۋالىمىزنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ.» ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئامما ئۇنى شۇنداق تەرىپلەيدۇ.

چەي شېڭفاڭ باشتىن - ئاخىر «ئاددىي تاماق يېيىش، ئاددىي كىيىنىش، پۇقرالارنى بوزەك قىلماسلىق، ئۆزىنىڭمۇ پۇقرا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق»قا ئەمەل قىلغان.

«خىزمەتتە، ئۇ مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدۇ، ياكى قىلمايدۇ، قىلسا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدۇ؛ تۇرمۇشتا، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادار، چىقىشقاق. ئۇ ئەزەلدىن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھېچقانداق قولايلىق يارىتىپ بەرمىگەن. ئۇ بىز ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۈلگىسى.» تاغىسى چەي شېڭفاڭ تىلغا ئېلىنسا، چەي يۈخۇڭ ھازىرغىچە قايغۇسىنى يوشۇرالمايدۇ.

2014 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سەھەردە، چەي شېڭفاڭنىڭ ھايات شامى ئۆچتى، لېكىن ئۇ بۇ تۇپراقتا ئۈمىد ئۇچقۇنى قالدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ